بۇش دەۋرىدىكى ئامېرىكا - خىتاي تېررور ھەمكارلىقى ۋە ئۇيغۇرلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.01.08
2009.01.08
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺑﯘﺵ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯞﯨﻲ ﺟﯧﯖﺸﯩﯔ ، ﺧﺎﺭﺭﯨﻲ ﯞﯗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﺭﺍﻳﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﯘﺵ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
UAA Photo
بۇش دەۋرىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى بىر سەھىپە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىپ، ئورنىنى يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوباماغا بوشىتىپ بېرىدىغانغا ساناقلىقلا كۈنلەر قالغان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرىپونتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇش دەۋرىدە ئەڭ ياخشى نۇقتىغا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ پرېزىدېنت بۇش قالدۇرغان بىر مىراس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 11" - سېنتەبىر ۋەقەسى" خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆلۈنۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىشىغا سەۋەب بولغان شۇنداقلا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بۇش دەۋرىدىكى ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىقىدا بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگىلەيدىغان مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئانالىزچىلار بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ خىتايغا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى " تېررورچىلىق" دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا " تېررورچى" قالپىقى كەيدۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ خىتاي ئويلىغان يەردىن چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلەر دوكتورى ئەركىن ئەكرەم بۇ توغرىلىق قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. 11" - سېنتەبىر ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پرېزىدېنتى بۇش شۇ چاغدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن بىلەن شاڭخەيدە ئۇچراشقان بولۇپ، جياڭ زېمىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىككى دۆلەتنىڭ "ئۆز - ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تېررورچىلىققا قارشى مېخانىزم ۋە ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشقا كېلىشكەن" لىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. پرېزىدېنت بۇش مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا " تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ " دەپ بايانات بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ رادىكاللىشىشىنى توسىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزىمى بۇشنىڭ 2001 - يىلى 20 - ئۆكتەبىردىكى خىتاي زىيارىتى باشلانماي تۇرۇپلا باشلانغان ئىدى. 11" - سېنتەبىر ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارى توماس مېرتېنس ۋاشىنگتوندا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن " تېررورلۇق" توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كوردىناتورى، باش ئەلچى فرانشىس تەيلور 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا مەسىلىلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى باۋدۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە خىتاي بىلەن "تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان"ئىدى.
فرانشىس تەيلور، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە يەنىلا پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاي بىلەن بولغان تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى شېرىكچىلىكنىڭ "ساغلام" قانات يېيىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندا ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە تەرەددۇت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى " تېررورچى" تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەزكۇر تەشكىلاتنى " تېررورچى" گۇرۇھ دەپ قارار چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن 4 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
لېكىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىپان خادلېي چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇشنىڭ ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىلدا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئاقلىدى. ئۇ" بىز خىتاي بىلەن كېلىشەلەيدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. كېلىشەلمەيدىغان ساھەلەردە ئۆز پىكرىمىزدە قالدۇق. بىز تەيۋەن مەسىلىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپلا قالماي، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە بېسىمنى داۋاملاشتۇردۇق،" دەيدۇ.
لېكىن ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ "تېررورلۇق"ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كېيىنكى يىللاردا ماسلىشالماي قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ خىتايغا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا "خرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى" گېزىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى خوۋارد لافرانچى مەزكۇر گېزىتنىڭ پەيشەنبە كۈنكى سانىدا ئېلان قىلغان "ئوباما خىتايغا بېسىمنى ئېغىرلىتامدۇ" دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىجابىي يۆلۈنۈشكە ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي پۇلى، سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتاي ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن."
ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى" دىكى چارلىس فرېمەن ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: " ئۇلار( خىتاي) بۇشنى سېغىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقان، شۇنداقلا ئوباما ھۆكۈمىتىدىن سودا ۋە باشقا مەسىلىلەردە بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن."









