باياناتنى «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى مېتىن گۈندوغدۇ ئەپەندى ئۆز پارتىيىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلدى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى مېتىن گۈندۇغدۇ ئەپەندى باياناتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى قايغۇ ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، تۈركىيىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە مەسىلىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جېنى ۋە مېلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى مېتىن گۈندوغدۇ باياناتىدا، دېگەن دەرھال تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە، ۋەقەلەر نىڭ چوڭىيىپ قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
باياناتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىللىي داۋالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن مېتىن گۈندۇغدۇ ئەپەندى، ۋەقەلەر ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىگە قارىتا تۈركىيىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە دىققەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:« شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ مىللىي داۋايىمىز. تۈركىيىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى ھەرگىزمۇ كۆك بايراقتىن ئايرىلالمايدۇ. تۈركىيىنىڭ سىرتىدىكى قانداش ۋە دىنداش قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز ئىنسانىي ۋەزىپىمىزدۇر. دۇنيانىڭ قەيىرىدە بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولسا، ئۇنىڭغا قارشى چىقىشىمىز لازىم ۋە دېموكراتىيە ئىچىدە ئېتىرازلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. بىز تۈرك مىللىتى تارىختىن بۇيان داۋاملىق ئاجىزلارغا يانتاياق بولۇپ، زالىمغا قارشى تۇرۇپ كەلدۇق. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشنى داۋام قىلىشىمىز كېرەك. يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك. تۈركىيە ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادىكى خەلقئارالىق رەسمىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشىمىز، بۇ مەسىلىنى دۇنيا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىمىز. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى تېخىمۇ ئاقىلانە بولۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.»
2011-يىلى 5-ئىيۇلدا« بۈيۈك بىرلىك» پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى.
تۈركىيىدە ئىنسان ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان «مەزلۇم دەر» جەمئىيىتىنىڭ قەيسىرى شۆبىسىمۇ، قەشقەر ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ھەق-ھوقۇق بېرىشكە چاقىردى.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى قەيسىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا كۆپ ساندا ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «مەزلۇم دەر» جەمئىيىتى قەيسىرى شۆبىسىنىڭ باشلىقى دوكتور ئاتالاي شاھىن ئەپەندى خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
دوكتور ئاتالاي شاھىن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا قان توختىماي ئېقىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملارغا دەرھال خاتىمە بېرىشىنى، ئۆز پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتكۈل ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېرىشى، ھەق ۋە ئادالەتنى ياقىلىغان ھالدا خاتىرجەم ياشىيالىشى ئۈچۈن كۆڭۈللۈك بىر تۇرمۇش كەچۈرىدىغان مۇھىت يارىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دوكتور ئاتالاي شاھىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا دەم ئېلىشقا چىققان قەيسىرى مۇپتىسى مەمەت گۆكتاش ئەپەندىنىڭ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشى بىلەن پۈتكۈل يىغىنغا قاتناشقۇچىلار شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى.
2011-يىلى 5-ئىيۇلدا «مەزلۇم دەر» جەمئىيىتى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قانداق باھا بېرىش مۇمكىن؟ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ۋەقەلەرگە قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.