چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2008 ‏ - يىللىق دوكلاتى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2008 ‏ - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۆتكەن بىر يىلدا ھەر قايسى ئەللەردە ئۆلگەن مۇخبىرلار سانىنىڭ ئازايغانلىقى، بىراق خىتاي، سۈرىيە، ئىران، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان ئاخباراتنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.31
Police0612_sichuan-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﯗ ﺟﻴﺎﯓ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯩﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

مەركىزى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 30 - دېكابىر كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دوكلاتىدا پۈتۈن يەر شارىدا ئۆتكەن بىر يىلدا 60 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ خىزمەت تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2007 ‏- يىلى ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 86 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2008 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن ئەھۋاللار چۈشەندۈرۈلگەن مەزكۇر دوكلاتتا، ئەڭ كۈپ مۇخبىر ئۆلگەن دۆلەتنىڭ ئىراق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆلگەن مۇخبىرلار سانىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئازايغانلىقى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي، سۈرىيە، ئىران، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتېرنېت تورىدىن تارقىتىلىۋاتقان ئاخباراتنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەندىن سىرت، 2008 ‏ - يىلى 38 مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى توغرىسىدىكى زىيارەت خەۋەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى شۇنىڭدەك 31 نەپەر ئىنتېرنېت يازغۇچىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ۋە تەھدىتگە ئۇچرىغانلىقى، بولۇپمۇ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن " ساخاروف " ئەركىنلىك مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نەپەر دېموكرات پائالىيەتچىسىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ تۈپەيلى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باياناتچىسى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدا باستۇرۇلۇۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت ‏ - ئېتىبارىنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ 22 مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يىغىلغانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ساھىپخانلىقىغا ئېرىششتىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق كۆرسىتىپ، ھەتتا ئۇلار تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان پۇقرالارنىڭ ساقچىلارنىڭ تاياق زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسىملىرىنىڭ تۈرمىگە سولىنىپ ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنىڭ قوراللىق باستۇرۇلۇش جەريانلىرى ھەمدە بۇ يىل 5 ‏ - ئايدا سىچۈەننىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى ساختا ئاخبارات ئۇچۇرلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالدى - كەينىدە يولغا قويغان باشقۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى تەنقىدلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىلى 9 ‏ - ئاينىڭ 24 ‏ - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋېن جياباۋنىڭ " ھۆكۈمەت چوقۇم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك " دېگەن سۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا، " جۇڭگو دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى ژورنىلى " تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تور مەيدانىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولسىز ھۇجۇمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتايدا ھېچقاچان ھەقىقىي ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ باقمىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان مەتبۇئاتلىرى بولسا، نوقۇل ھالدا ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشۋىقات ۋاستىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر خىتاي ئاخباراتچىنىڭ سۆزى مۇنداق دەپ تەسۋىرلەنگەن: " بىزنىڭ خىتايدا چىن ۋە توغرا خىزمەت قىلىدىغان ئاخبارات ئورگىنى يوق، بۇ يەردىكى ئاخبارات ئىدارىلىرى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ زۇۋانى بولۇپ، ئۇلار پەقەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان ھۆججەت نۇسخىلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ۋە رولىغا ئىگە، بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان، ھۆكۈمەت سىياسىتىنى پاش قىلىشقا ئۇرۇنغان، ژۇرنالىستلارنىڭ تىلى ناھايىتى ئاسانلا ئىككىنچى سۆزلىيەلمەس ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. خىتاينىڭ ئاخباراتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلگىرى كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسەتتۇق، بىراق بۇ خىل تىرىشچانلىقلار بىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىزغا باغلىق بولۇپ قالدى. ئەگەر ھۆكۈمەتتىن قورقماي ھەقىقىي ئاخباراتچىلاردىن بولۇشقا بەل باغلىساق، بۇ بىزنىڭ تارىخقا قوشقان ھەسسىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.