خىتاي ئامېرىكىدىن چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىدەك ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە پەيدا قىلغان تەسىرى ئاسان بېسىقىدىغاندەك قىلمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لۇغا قاراتقان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئامېرىكىدىن مەزكۇر ۋەقەدە ئوينىغان رولى سەۋەبلىك كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر كىمدىن كىم كەچۈرۈم سوراش مەسىلىسىگە پىكىر بىلدۈردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە كېلىشىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا چىقىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدە ئوينىغان رولىنى داۋاملىق تەنقىد قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىدە ئوينىغان رولى سەۋەبلىك خىتايدىن كەچۈرۈپ سورىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي دۈشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش ئورنىغا ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ : مەن شۇنى كۆرسەتمەكچى، ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى. ئەمدى ئامېرىكا مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيىدە تۇتۇپ، ۋەقەدىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتى ۋە ھەرىكىتى ئۈستىدە ئويلىشىشى لازىم. زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت چوڭ ۋەزىيەتنى قوغدىشى كېرەك، دېگەن.
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسور ياڭ لىيۈيى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەسلى بۇ ۋەقەدىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىشقا تېگىشلىك تەرەپ ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: چېن گۇاڭچېڭ جۇڭگو ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، ئۇنى ئىلگىرى 4 يىل قاماققا سولاپ، ئاندىن نەزەربەند قىلغانلىقى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان. ئۇنى ھەرگىز ئامېرىكا ئەلچىسى تەكلىپ قىلىپ ئەلچىخانىغا ئەكىرگەن ئەمەس. بۇ ئەسلى ئامېرىكىنىڭ ئەمەس، جۇڭگونىڭ مەسىلىسى ئىدى. ئەگەر چېن گۇاڭچېڭ تەھدىتكە ئۇچرىمىسا، ئۇ ئەلچىخانىغا قېچىپ كىرىۋالمىغان بولاتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. پۇقرالىرىنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغدىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ۋەقە يۈز بەردى. جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى چېن گۇاڭچېڭنى قوغدىغان بولسا، ئۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالمايتتى. جۇڭگونىڭ باياناتى پۈتۈنلەي مەنتىقسىز.

ھازىر چېن گۇاڭچېڭ داۋاملىق بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇپ، چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتنى ئېلىپ ئامېرىكىغا چىقىشىغا يول قويۇشىنى كۈتمەكتە. چېن گۇاڭچېڭ بۈگۈن تېلېفون ئارقىلىق رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا قاچان چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە زوراۋانلىق ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور ياڭ لىيۈيى ئەپەندى، چېن گۇاڭچېڭنىڭ يەنىلا خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا پاسپورت بېرىشنى رەت قىلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: مېنىڭ قارىشىمچە بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغان ياكى مۇرەسسە قىلغان. لېكىن بىز ئۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بىلمەيمىز. ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىزىنى چىڭ يۇمۇپ، مۇرەسسە لايىھىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. شۇڭا چېن گۇاڭچېڭنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكى قوغدىلامدۇ، جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىپ، ئامېرىكىغا بېرىشىغا يول قويامدۇ، دېگەن مەسىلىلەرگە ھازىر جاۋاب بەرمەك قىيىن. ھازىر چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر باھانە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا پاسپورت ئىشلەپ بېرىشنى رەت قىلىشى، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويماسلىق ئېھتىماللىقى مەۋجۇت، دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن «ۋال سترىت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە مەسئۇل ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلىرى خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇنىڭ قاچان يولغا چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىياڭ گۇاڭليېنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنداق مەزگىلدە ھەربىي زىيارەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىياڭ گۇاڭليې بىر ھەپتىلىك ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى جەنۇب قوماندانلىق شتابى، جەنۇبىي كارولىنا شتاتىدىكى لېيجىئون ھەربىي گازارمىسى، سېيمور ھاۋا بازىسى ۋە ۋەست پوئىنت ھەربىي ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنداق مۇھىم مەزگىلدە ئەگەر خىتاي چېن گۇاڭچېڭغا پاسپورت بېرىش ياكى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا، بۇ مەسىلە يەنە دىپلوماتىك غۇلغۇلا قوزغىشى مۇمكىن.

چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ مۇقىملىق سىياسىتى يەنە بىر قېتىم چەتئەلدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ۋە ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ تەنقىد نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.

ياڭ لىيۈيى ئەپەندى، چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ئۆكتىچى زاتلارنى، ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان مۇقىملىق سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇقىملىق سىياسىتىنى دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەننى تەكىتلەپ، مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ، تەرەققىيات بولمىسا گۈللىنىش بولمايدۇ» دېگەن. شۇڭا خۇ جىنتاۋ مۇقىملىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. لېكىن مۇقىملىق قانداق قوغدالدى؟ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى باستۇرۇش، ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى باستۇرۇش، قىسقىسى ئومۇمى يۈزلۈك باستۇرۇش ئارقىلىق قوغدالدى. نەتىجىدە باستۇرغانسېرى مۇقىمسىزلىق پەيدا بولدى. سىز قانچىلىك باستۇرسىڭىز سىزگە قارشى چىقىدىغانلار شۇنچىلىك كۆپىيىدۇ. بۇنىڭغا ئوتتۇرا شەرق مىسال بولالايدۇ. ئۇلا ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ ئاخىرى مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلدى. شۇڭا مۇقىملىق جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. سىز پەقەت ئېچىۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىسىڭىز، خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسىڭىز، ئاندىن خەلق سىزنى ھىمايە قىلىپ، مۇقىملىق شەكىللىنىدۇ. بولمىسا، قانداق مۇقىملىق بولىدۇ.