چوشقا زۇكامىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

چوشقا زۇكامىدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ نۆۋەتتە 23 دۆلەتكە تارالغانلىقى مەلۇم، يۇقۇملانغۇچىلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. مېكسىكىدا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەر 159 گە يەتتى، ئامېرىكىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 90 گە يېتىپ، بىرى قازا قىلدى.

0:00 / 0:00

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چوشقا زۇكامىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلماقتا. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت دەرىجىسى 5 - دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئىنسانىيەت چوشقا زۇكامى ۋەھىمىسىگە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇشبۇ جىددىي پەيتتە، ھەممىنىڭ دەسلەپتە ئويلايدىغىنى، مەزكۈر ئۆتكۈر يۇقۇمچان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن قانداق ساقلىنىش ئەلۋەتتە.

ئادەتتە پەسىل ئالماشقان نۆۋەتتىكى باش باھار مەزگىلىدە، كۆپىنچە كىشىلەر ئاسانلا ھەر تۈرلۈك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە، زۇكامغا ئوخشاش جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، ھالبۇكى نۆۋەتتە، چوشقا زۇكامىدىن ئىبارەت ئەجەللىك يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادا جىددىي تارقىلىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن بۇيان، باش ئاغرىش، بۇرنى ئېقىش، گېلى ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەردە ئادەتتىن تاشقىرى ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا.

دۈشمەن قانچە سىرلىق بولسا شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق بولىدۇ. ئىنسانلار چوشقا زۇكامىغا تاقابىل تۇرۇشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە بۇ كېسەلنى تونۇشى كېرەك.

چوشقا زۇكامى دىگەن قانداق كېسەللىك؟

چوشقا زۇكامى A تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن چوشقا ۋە ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدۇ. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ خىل تىپتىكى زۇكام ۋىرۇسى 1930 - يىلى تۇنجى قېتىم چوشقىدىن تېپىلغان.

تۇنى قېتىم ئىنسانلارغا يۇقۇشى 1988 - يىلى 32 ياشلىق ھامىلدار بىر ئايالدا بايقالغان بولۇپ، ئۇ كېسەللىك ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋىلىپ 8 كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن.

چوشقا زۇكامى قايسى خىل يوللار بىلەن يۇقىدۇ؟

چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى ئاساسەن مەزكۈر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم ياكى چوشقىلارنىڭ نەپەس يولىدىن ئاجراتقان سۇيۇقلۇقلىرى، ئۇلار تەرىپىدىن بۇلغانغان مۇھىت، يەم خەشەك، سۇ، چاشقان، پۇراق، پاشا قاتارلىقلار ئارقىلىق يۇقىدۇ.

بۇ ۋىرۇس باشقا يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسلىرىغا ئوخشاش ياز، ئەتىياز، كۈزگە ئوخشاش كېلىمات ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تۇراقسىز بولغان مەزگىللەردە ئاسان تارقىلىدۇ. ئاسان يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار بالىلار ھەم ياشانغانلار.

بۇ كېسەل چوشقا گۆشى ئىستىمال قىلىشتىن يۇقامدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەر بۇ سوئالغا ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى 160 سېلتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى گىرادۇسقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن. ئىنسانلار پىشۇرۇلغان چوشقا گۆشىنى يىيىش ئارقىلىق بۇ خىل ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالمايدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر گەرچە چوشقا گۆشى يىيىش بىلەن چوشقا زۇكامىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۈر زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھازىرچە ئېنىقلانمىدى، شۇنداقلا بۇ ۋىرۇس چوشقىدىن ئىنسانغا، ئىنساندىن ئىنسانغا ۋە چوشقىغا يۇقىدۇ. بولۇپمۇ مەزكۈر ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان چوشقىلاردىن بىۋاستە ئىنسانغا يۇقۇش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى.

ئىنسانلارچوشقا زۇكامىدىن يۇقۇملانغاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئىنسانلار چوشقا زۇكامىدىن يۇقۇملانغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسەن ئادەتتىكى يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىمارلاردا تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەش، يۆتۈلۈش، ھالسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بۇرنى ئېقىش، بېشى قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق بەلگىلەر كۆرۈلىدىكەن.

ئەمما ئادەتتىكى زۇكامغا تاقابىل تۇرالايدىغان دورىلارنىڭ، ۋاكسېنلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خىل چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن ئېلىشالمايدىكەن.

چوشقا زۇكامىغا دورا بارمۇ؟

گەرچە ھازىرغىچە چوشقىلار ئارىسىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان چوشقا زۇكامى ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىن تېخى تەييار ئەمەس، شۇنداقتىمۇ چوشقا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاشتا باكتېرىيىگە قارشى كۆپ خىل بىرىكمە دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈنۈمى كۈرۈلدى، مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇمدارلارنىڭ قانچە بۇرۇن داۋالانسا ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئېھتىماللىقىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى بىلدۈرمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چوشقا زۇكامىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا كەڭ تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن باشقا، كېسەل تارقالغان رايونلاردا ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئىنتايىن كېچىككەنلىكىنى بايان قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايانىچە،چوشقا زۇكامىنىڭ ۋاكسىنىسىنى كۆپ مىقداردا ياساپ تارقىتىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. گەرچە بۇ خەۋەر چوشقا زۇكامىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى پات ئارىدا توساپ قېلىشتىن ئانچە ئۈمىد بەرمىسىمۇ، ئەمما بۇ چوشقا زۇكامىدىن ساقلانغىلى بولماسلىقتتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.

ئۇنىڭ خەتىرى قايسى دەرىجىدە؟

ئادەتتە چوشقا زۇكامىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىككى كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئېنىق مەلۇم بولمىغانلىقتىن، كىشىلەر ئاسان قايمۇقۇپ قالىدىكەن. ئەگەر دەسلەپ قىزىتمىسى ئۆرلەشكە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دەرھال تەكشۈرۈپ داۋالاشقا ئامال قوللانمىغاندا كېسەللىك ۋىرۇسى تېز ئارىدا نەپەس يولى، ئۆپكە ھەتتا يۈرەك مۇسكولىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىكەن.

خەلقئارادا ئىنسانلارغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى 6 بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشىغا قارىتا بېكىتىپ ئېلان قىلغان ئاپەت دەرىجىسى 4 -دەرىجە.

بۇ چوشقا زۇكامىنىڭ ئىنسان ھەم چوشقىلار ئارىسىدا ئۆز ‏ - ئارا يۇقۇملىنىشنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا رايون خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 5 - دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى ئويلاشماقتا. بەشىنچى دەرىجە بولسا كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ دۆلەت ھەم رايوندىن ئاتلاپ يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىلىشقا يەنە بىر قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قانداق قىلغاندا بۇ ئەجەللىك زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يەنى ئىنسانلار چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال تۇرمۇشتا شەخسى ھەم ئاممىۋى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يەنى مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا، يېتەرلىك ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، سىرتتىن ئۆيگە كىرگەندە، ئاممىۋى سورۇنلاردا بولغاندا قولىنى سوپۇنلاپ يۇيۇش، بولۇپمۇ ئاممىۋى ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن، بىۋاستە ئېغىز، بۇرۇن، كۆزگە قول تەككۈزمەسلىك.

چوقۇم قولىنى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن تۇتۇش ياكى غىزالىنىش، يۆتەلگەندە ئاغزىنى توسۇش، زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن توختاش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر. گەرچە بۇ تەدبىرلەرنىڭ چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشىنى پۈتۈنلەي توساپ قېلىشتا رولى چەكلىك بولسىمۇ، يەنىلا چوشقا زۇكامىنىڭ پەيدا قىلىدىغان خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.