بۇ سۆزلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي خەلقى ھاقارەت قىلىندى دەپ شىكايەت قىلىنغان سۆزلەردۇر.
ئامېرىكىلىق ئوبزورچى جەك كاففەرتي بۇ سۆزلىرىنى بۇ يىل 9 -ئاپرىل كۈنى س ن ن تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان. ئۇ كۈنى سان فرانسىسكو شەھىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىكى ھەققىدىكى پروگراممىغا قېتىلغان جەك كاففەرتي ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ خىتاينى تەنقىد قىلغان.
ئۇنىڭ ئاچچىق تەنقىدى ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار، جەكنىڭ سۆزلىرىنى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خىتايغا سەلبىي كۆزدە قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى خىتايلارغا ۋە پۈتۈن خىتاي خەلقىغە قارىتا ئۆچمەنلىكىنى ئۇلغايتىۋېتىدۇ دەپ شىكايەت قىلغان. 11 -ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىدىكى خىتايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان قانۇنى كۆچمەنلەر جەمئىيىتى مەخسۇس جەك كاففەرتينىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن جەك كارفەرتي 14 -ئاپرىل كۈنى س ن ن قانىلىدىكى پروگراممىسىدا مەزكۇر تەنقىدىگە ئىزاھات بەرگەن. ئۇ ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن: مەن سۆزۈمدە خىتاينىڭ ئۆتكەن 50 يىللىق ئىجرائىتىنى تەنقىد قىلدىم. قانخورلار ۋە تەلۋىلەر گۇرۇھى دېگىنىم ئامېرىكىدىكى خىتايلار ياكى پۈتۈن خىتاي خەلقى ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىدۇر.
15 -ئاپرىل كۈنى يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ بايانات ئېلان قىلىپ، ئوبزورچى جەكنىڭ سۆزلىرىنى خىتاينى بىلمەسلىك ۋە خىتايغا ئۆچمەنلىك ئىپادىسى دەپ تەنقىد قىلدى. جياڭ يۈ يەنە باياناتىدا ئوبزورچى جەكنىڭ سۆزلىرىدىن خىتاي خەلقىنىڭ دىلى رەنجىگەنلىكىنى ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ ۋە جەك كاففەرتينىڭ خىتاي خەلقىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا تۈنۈگۈن يەنى 16 -ئاپرىل كۈنى س ن ن تېلېۋىزىيىسى چۈشەندۈرۈش بەردى. چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دېيىلدى: " مەيلى س ن ن، مەيلى جەك چاففەرتي بولسۇن خىتاي خەلقىغە ھۇجۇم قىلمىدى، خاتا چۈشەنگەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نۇقتىنى ئوبزورچىمىز دۈشەنبە كۈنى ئىزاھلاپ بولدى."
س ن ن نىڭ بۇ ئىزاھىتىدىن تەسەللىي تاپالمىغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، س ن ن نىڭ ئىزاھاتىدا ئەپۇ پۇرىقى يوق دەپ نارازىلىق بىلدۈردى ۋە قارشى تەرەپنى خىتاي خەلقىدىن ئەپۇ سوراشقا قايتا چاقىرىمىز دەپ بىلدۈردى. باياناتچى ليۇ جيەنچاۋ سۆزىدە س ن ن ۋە جەك كاففەرتينى خىتاي خەلقىغە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئاخبارات ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليۇ جيەنچاۋ بۈگۈن، س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Jamie Flor Cruz نى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، نارازىلىقىنى يۈز تۇرانە ئىپادىلىگەن. ئەمما خەۋەردە س ن ن بۆلۈم باشلىقىنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى يېزىلمىغان. س ن ن نىڭ تۈنۈگۈنكى ئىزاھاتىدا، بىز ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرنى تەنقىدلەش نورمال ئەھۋال دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.