دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى

دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى گېرمانىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم زىددىيەتنى ئۇرۇق چېچىپلا قالماي، گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر تالاي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان. 19- ماي كۈنىدىكى بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلىلار ئورۇن ئىگىلىدى.

0:00 / 0:00

تەرەققىيات ياردەم مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى ھەئىدەمارىئە خانىم

دالاينىڭ زىيارىتى پەيدا قىلغان سۈركىلىش دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي باش ئەلچىسى جۇن خۇئىجاڭ 15- ماي كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر گېرمانىيىنىڭ تەرەققىيات ياردەم مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى ھەئىدەمارىئە خانىم دۈشەنبە كۈنى دالاي لامانى قوبۇل قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئەسكەرتكەن ئىدى.

گېرمانىيە س پ د نىڭ رەئىسى ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئوخشاشلا ھەئىدەمارىئە خانىمنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشىغا قاتتىق قارشى چىققان. سەۋەبى؛ ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ مىنىستىرلار مەھكىمىسىدە دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سوغۇقچىلىقنىڭ تەسىرى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ، ھەئىدەمارىئە خانىمنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى بۇ سۈركىلىشنى قايتىدىن كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېگەن ئەندىشىنىڭ يېتەرلىك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدى.

ھەئىدەمارىئە خانىم گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە بۇ قېتىم دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلار ئىچىدە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان خادىم ھېسابلىناتتى. لېكىن 19 - ماي، يەنى دۈشەنبە كۈنى ھەئىدەمارىئە خانىم دالاي لامانى بېرلىندىكى ئەڭ ئالىي „ئادلېر رېستورانىدا يەنىلا قوبۇل قىلدى.

بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەي، ھەئىدەمارىئە خانىم دالاي لاما بىلەن بولغان يېرىم سائەتلىك سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاخبارات ساھەسىگە ئېلان قىلغاندا، ئۆزىنىڭ شەخسى سالاھىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارا جاكارلاپ، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا زىلزىلە قوزغىدى. چۈنكى، نەچچە كۈندىن بېرىقى پۈتكۈل خەۋەرلەردە، ھەئىدەمارىئە خانىم دالاي لاما بىلەن شەخسى سالاھىيەتتە كۆرۈشىدۇ، دېيىلگەن ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق سۈركىلىشكە ئورۇن ھازىرلىنىپلا قالماي، س پ د نىڭ رەئىسى ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ھەئىدەمارىئە خانىم ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىققانلىقى ئاشكارىلاندى. پۈتكۈل مەتبۇئات ۋە ت ۋ قاناللىرىنى بۇ ھەقتىكى بەس - مۇنازىرىلەر قاپلىدى. ئانگېلا مېركېل خانىم گېرمانىيىدە بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ زىددىيەتلەر قاينىمىدىن سىرتتا قالدى.

" كىم بىلەن كۆرۈشىشىمىزنى باشقىلاردىن سورىشىمىز ھاجەتمۇ؟ "

س پ د رەھبەرلىرى ھەئىدەمارىئە خانىمنى " پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلدى"، " دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىدى" دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن تەنقىدلىدى. زامبىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ "ھازىر دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمىگەن ئەڭ باتۇر" دېدى. ھەئىدەمارىئە خانىم بولسا " مېنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە چوڭ زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدىم. مەن دائىم دىنىي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىمەن، دالاي لاما بىلەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈشمىگۈدەكمەن؟" دېگەن ۋە "„كىم بىلەن كۆرۈشىشىمىزنى باشقىلاردىن سورىشىمىز ھاجەتمۇ؟" دەپ سوئال قويغان.

دالاي لاما گېرمانىيىگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرىلا، مەتبۇئاتلاردا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، گېرمانىيە پرېزىدېنتى ۋە گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە قارىتا ھۇجۇملار باش كۆتەرگەن ئىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتنى، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئەلا بىلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنغان بۇ ھۇجۇملاردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى "توخۇ يۈرەك، ۋەزىپىسىگە لايىق ئادەم ئەمەس" دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. يەنە بەزىلەر پرېزىدېنتنى ئەيىبلەپ، "خىتاي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان بىر پەيىتتە، بىزنىڭ پرېزىدېنت كېلەر يىللىق سايلامنىڭ غېمىدا دالاي لامانى قوبۇل قىلالمىدى" دېگەن.

دالاي لاما زادى نېمىگە ئېرىشتى؟

بۇ قېتىم دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلار ئىچىدە ھەسسەن شىتاتىنىڭ پرېزىدېنتى رولاند كوچ، نوردھەئىم-ۋەستفالەن شىتاتىنىڭ پرېزىدېنتى جۈرگەن رۈتگېرس قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، دالاي لاما بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بۇيىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

دالاي لاما بارغانلىكى شەھەردە گويا داڭلىق بىر ناخشا چولپىنىدەك ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشكەن، قەدەم باسقانلىكى يېرىدە لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان. مەتبۇئاتلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دالاي لاما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن. لېكىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ تۇرغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلسا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتايدىكى يەر تەۋرەشتە قازاغا ئۇچرىغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئاپەتنىڭ ئاخىرى تۈگىگىچە، تىبەتلىكلەرنى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولماسلىققا دەۋەت قىلغان. خىتاي بىلەن باشلانغان دىئالوگدىن ياخشى بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دالاي لامانىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن زادى قايسى مەسىلىدە كېلىشكەنلىكى سىر بولۇپ قالغان. گەرچە ھەئىدەمارىئە خانىم ۋە باشقىلار دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، دالاي لامانىڭ زادى نېمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.