دالاي لاما ھەققىدە مۇنازىرىلەر (2)
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.05.22
2008.05.22

AFP Photo
تېلېۋىزىيىلەر دالاينىڭ نۇتۇقلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتا تىبەتلىكلەرنىڭ ناخشىلىرىنى قىستۇرۇپ تۇرۇپ خەۋەرلەر بەرمەكتە. ئەلۋەتتىكى، بۇ مۇلاھىزىلەر ئارىسىدا، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭمۇ خىتاي قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شىددەتلىك ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك زۇلۇملار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.
"تىبەت مۇستەقىللىق ئىستىشى كېرەك"
"تىبەت ۋەقەسى دۇنيانىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى" ناملىق ئەسەردە، مۇنداق دېيىلگەن: "تىبەت ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتايلار غەربلىكلەرنىڭ تىبەتكە بولغان كۆز قارىشى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئارىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بارلىقىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىشتى. ئۇنداقتا غەربلىكلەرنىڭ تىبەت قارىشى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بىرىنچىسى، تىبەت ئىلگىرى بىر جەننەتتەك يەر ئىدى. ئىككىنچىسى، تىبەت مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى، 50 - يىللىرى خىتاي قانۇنسىز ئىشغال قىلىۋالغان. ئۈچىنچىسى، دالاي لاما بولسا تېنىچلىقنىڭ سىمۋولى. تۆتىنچىسى، خىتايلار تىبەتلىكلەرنى باستۇرماقتا، تىبەتلىكلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلماقتا. بەشىنچىسى، تىبەت مۇستەقىللىق ئىستىشى كېرەك، بۇ نۇقتا پۈتۈن دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى لازىم.""تىبەت ۋەقەسى دۇنيانىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى" ناملىق ئەسەردە، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان تىبەت ۋەقەسىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، گەرچە بۇ تەسىرنىڭ روشەن بىر گەۋدىسى ئۆزىنى كۆرسەتمىسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ تىبەت مەسىلىسىگە قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقى، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى، تىبەتلىكلەرنى قوللاش مەيدانىنى يوشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكارا باسقۇچقا كۆتەرگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئەمدى بۇ بېسىمدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئومۇملاشقان، ئۇنىۋېرساللاشقان بىر ۋەقەگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
قىممەتلىك پۇرسەت
"ئوفېنباخ گېزىتى" مۇنداق يازىدۇ: „تىبەت مەسىلىسى گېرمانىيىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىن ئورۇن ئالدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيە - گۇرۇھلار بۇ مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرەلمىدى. ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بۇ خىل تالاش - تارتىشلار تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ كەم تېپىلىدىغان بىر پۇرسەت، ھەقىقىي بىر تەدبىر قوللىنىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پۇرسىتى يوق."ئۈچ باسقۇچلۇق سۆھبەت
"دالاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئېھتىمالىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ" ناملىق ئەسەردە، دالاي لاما تەرەپ بىلەن خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ تەھلىل قىلىنغان: دەسلەپكى باسقۇچتا، تىبەت ۋەقەسىنىڭ ئولىمپىكنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، خىتاي ئولىمپىكنى تېنىچ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تىبەتلىكلەرنىڭ يەنە ۋەقە پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دالايغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى، كەم دېگەندە تىبەتلىكلەرگە بولغان كونترولنى ئاجىزلىتىپ، تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.ئوتتۇرا باسقۇچتا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دالاي لامانىڭ ۋەتىنىگە قايتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ۋە بەلگىلىك شەرت ئاستىدا بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۈچىنچى باسقۇچ، ئالىي ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى سۆھبەت باسقۇچى بولۇپ، بۇ سۆھبەتنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقى، ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست كاتتىباشلىرىنىڭ قاتمال كاللىسىنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ خاتا سىياسىتى
مەزكۇر ئەسەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە قارىتا يۈرگۈزگەن خاتا سىياسىتى مۇنداق تەنقىدلەنگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ خاتالىق ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ بىرى، دالاي لامانىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە سىياسىي ئېتىقادىنى قارىلىدى. ئۇنىڭغا قارغۇلارچە ھۇجۇم قىلدى. ئىككىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى. 50 يىلدىن بېرى كۈرەش قىلىپ، دۇنيادا ئۆزىنىڭ غايىۋى بىر ئوبرازىنى يارىتىپ بولغان دالاي لامانى ئۆزى خاتا چۈشىنىپلا قالماي، پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارغا خاتا تەشۋىق قىلىپ، ئالۋاستى قىلىپ كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بولدى. ئەمەلىيەتتە، غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە دالاي لاما ئەڭ سەمىمىي ۋە پاك ئادەم، تىبەتلىكلەرنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ شۇنداق. ئۈچىنچىسى، 14 - مارت تىبەت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تىبەتتىن ھايداپ چىقاردى. بۇ خاتالىق خىتاينىڭ بېشىغا بالا بولدى. بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئايرىم تىبەتلىكلەرنىڭ ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت قانىلىنىڭ خەۋەرلىرىنى مەنبە قىلىشقا مەجبۇر قالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايغا قارشى چۇقان دۇنيانى قاپلىدى. خىتاي ئۆزى بۇ خۇسۇستا خەۋەر بېرىشكە باشلىغاندا بولسا، يەنىلا كونا مۇقامدا جار سالدى. دالاينى ۋە تىبەتلىكلەرنى قارغۇلارچە ئەيىبلىدى. نەتىجىدە، ھېچكىم خىتاينىڭ خەۋەرلىرىگە ئېتىبارىنى بەرمىدى. ئەكسىچە، غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى راست - يالغان خەۋەرلەرنى تۇتۇۋېلىپ، خىتايغا قارشى دۇنياۋى دولقۇن قوزغىدى.""سۆھبەتنىڭ قەدرىگە خىتاي ھەممىدىن بەكرەك يېتىشى كېرەك"
"يېرىم ئەسىر دۇنيانى ئايلىنىپ ئائىلىسىگە قايتالمىغان دالاي لاما" ناملىق ئەسەردە، دالاي لامانىڭ تېنچلىقپەرۋەر بىر كىشىلىكىگە خىتايدىن باشقا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشىنىدىغانلىقى، دالاينىڭ ئوبرازىنى سۇندۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقى، دالاينىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ تەۋرەنمەس داھىسى بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تېنچلىق سىمۋولىغا ئايلىنىپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە خىتاي ئۈچۈن دالايدىنمۇ مۇھىم بىر كوزۇرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئەگەر خىتاي بۇ كوزۇرنىڭ رولىدىن توغرا پايدىلانمىسا، ئۆزىگە تېخىمۇ چوڭ باش ئاغرىقى تېپىۋالىدىغانلىقى، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ قەدرىگە خىتاينىڭ ھەممىدىن بەكرەك يېتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن."دالاي لاما سىياسەت دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسمۇ؟" ناملىق ئەسەردە، دالاينىڭ بۇ سىياسىي ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دالاي بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتتىق تەنقىدلىنىپ، "ئۇلار كىشىگە گويا ئۆز تەبىئىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تەسىر بېرىدۇ" دېيىلگەن. قىسقىسى، دالاي لامانىڭ گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان 30 - نۆۋەتلىك بۇ زىيارىتى، گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنى زىلزىلىگە سالدى.