خىتاينىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ يىل 1 - ئۆكتەبىردە يەنە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىش تىنچ ئاخىرلاشتى.
ھەر يىلى 1 - ئۆكتەبىردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش بايرىمى كۈنى، غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ياشايدىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان نامايىش ۋە يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ يىلقى نامايىش يەنە 1 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى چارشەنبە كۈنكى نامايىش مەزكۇر تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن قەشقەر ۋە كۇچاردىكى ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، قىساس ئېلىش بىلەن تەنقىدلەۋاتقان مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان

ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىدىغان، سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىدىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان شۇئارلارنى توۋلىماقتا ئىدى.
ۋاشىنگتوندىكى نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر يىلى 1 - ئۆكتەبىردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان شۇ كۈنكى بىر قاتار نامايىشلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى 1 - ئۆكتەبىرنى " مۇسىبەت كۈنى" قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. 1 - ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش بايرىمىدۇر. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنى تەنقىدلەيدىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى 1 - ئۆكتەبىرنى " ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان ھازىرقى پۈتۈن دىشۋارچىلىقنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى،" دەپ قارىماقتا. چارشەنبە كۈنكى نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ خىتاي ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈك ئەتراپىغا توپلانغان نامايىشچىلارغا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا " ئېرقىي تازىلاش" سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داغ - دۇغا بىلەن تەبرىكلەنگەنلىك ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بايرام كەيپىياتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قېلىش ئەھۋالىنى يوشۇرالمىدى. يەرلىك كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، شۇ كۈنى قەشقەرنىڭ ھېيتكار مەيدانىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، لېكىن مۇراسىمدا بىخەتەرلىك تەدبىرنىڭ قاتتىقلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالدا ئىكەن. ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان ھېيت نامىزى چارشەنبە كۈنى ئوقۇلۇشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ھېيت نامىزىنى پەيشەنبە كۈنگە كېچىكتۈرگەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۈپەيلى ھېيت نامىزى بىلەن دۆلەت بايرىمىنىڭ بىر كۈنگە كېلىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ۋاشىنگتوندىكى نامايىشنىڭ مۇددىئاسى ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۆھتەرەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى شىتاتلاردا بىر قىسىم مەسچىتلەر رامىزان ھېيت نامىزىنى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئوقۇغان ئىدى. شۇڭا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن كۈن ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر قىسم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن روزا ھېيتنىڭ 1 - كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نامايىشچىلار قوشۇنىدىكى ئالماس ئەپەندى ھېيتنىڭ 1 - كۈنى نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشەندۈردى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىگە دائىر ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇ يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى "شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى كۈچلەر،" دەپ ئەيىپلىمەكتە.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى رايوندىكى پارتىيە - ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا سۆزلىگەن بىر نۇتۇقىدا رابىيە قادىر خانىمغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنى "ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىغۋاگەرچى دۆلەتلەر،" دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى. لېكىن رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنكى نامايىشتىكى نۇتۇقىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا " ئېرقىي تازىلاش" ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.