«يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى دېھقانلارغا ھاشار بولدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل «يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى نامىدا مەركەزلىك ھالدا يېزا ۋە تاغلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى ۋە بۇنىڭغا 90 مىليون يۈەنگە يېقىن مەخسۇس مەبلەغمۇ ئاجراتقان، ئەمما قاغىلىق ناھىيىسىدىكى يول قۇرۇلۇشلىرى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنى باشقىدىن ھاشارغا تۇتۇش باھانىسى بولماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.12.13
ghurbet-uyghur-boway-namrat-305.jpg قەشقەردىكى بىر نامرات ئۇيغۇر بوۋاي. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Ekrem

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى قەشقەر كۈندىلىك گېزىتى 12-دېكابىر قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ تاغلىق يېزا، كەنتلىرىدە نۇقتىلىق يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، راۋانلاشتۇرۇلغان يوللارنىڭ جەمئىي مۇساپىسى 120 كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ يول قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر رايونى بويىچە 1012-يىل بېشىدىن باشلاپ بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «يولنى راۋانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش» دەپ نام بېرىلگەن 10 چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى ئىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيىسىدىكى 16 تۈرلۈك يول ۋە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا بۇ يىل جەمئىي 89مىليون سوم مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ھازىرغىچە قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بۇ خىل نۇقتىلىق يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ 70% ئى تاماملىنىپ ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى، قاتناش ئىشلىرى زور دەرىجىدە راۋانلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قاغىلىق ناھىيىسى نامرات ناھىيىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ناھىيە زېمىنىنىڭ 70 نەچچە پىسەنتى ئېگىز-پەس ئېدىرلىق ۋە تاغلىق بولۇپ، بۇ تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان يېزا، كەنتلەرنىڭ يوللىرى ئىنتايىن ناچار. نۆۋەتتىكى يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە قاتنىشىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيىسى تۆگىچى يېزىسىنىڭ بىر تاغلىق كەنتىگە تېلېفون قىلدۇق، تېلېفون تور ئالاقىلىرىمۇ ناچار بولغان شارائىتتا ناھايىتى تەسلىكتە بىر دېھقان بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئەمما بۇ دېھقاندىن كۈتۈلمىگەن جاۋابقا ئېرىشتۇق، يەنى بۇ تاغلىق كەنتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول ياساش قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ ھاشارغا ئىشلەش بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن.

بىز خەلقنىڭ ماڭىدىغان يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، قاغىلىقتىكى يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھاشارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ياكى تېلېفون ئېلىنمىدى ۋە ياكى تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، كادىرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بۇ خىل ۋەزىيەتتە تۆگىچى يېزىسىنىڭ بىر نەپەر يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى ھازىرغىچە ھاشارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدەك ھەقىقەتنى ئىنكار قىلمىدى ۋە بىر كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەمدە دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىنكاس قىلىشنى توغرا كۆردى.

بەزى تاغلىق كەنتلەردە ھازىرغىچە يېزا، بازارغا، ناھىيىگە تۇتىشىدىغان يول يوقلۇقى، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يىغلاپ سالغان بۇ يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ناھىيىدىكى بەزى يېزىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئون يىل ئاۋۋالقى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە بولۇپ، يول يۈرۈشى تەس، ئەمما مانا شۇنىڭدەك ھەقىقەتەن يول ياسىلىشقا تېگىشلىك، شارائىتى ئەڭ ناچار كەنتلەر يەنىلا تەرەققىيات پىلانىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىنماقتا.

بۇ كادىرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ قانداق ئىشلىتىلىشىدە نۇرغۇن مەسىلە بار، ياساپ بولۇشقا تېگىشلىك يول قۇرۇلۇشلىرى قەستەن كېچىكتۈرۈلۈپ، يول ياساش دېھقانلارنى قىش قىرودا ھاشارغا تۇتۇشنىڭ يەنە بىر باھانىسىگە ئايلاندۇرۇلماقتا، بەزى جايلاردا يول ياسالغىنى بىلەن ئۇنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش تەدبىرى توغرا بولمىغانلىقتىن، يول قۇرۇلۇشىنى قايتا-قايتا ۋە ياكى باشقىدىن ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلمەكتە، بۇ خىل قۇرۇلۇشلار يەنىلا دېھقانلارنىڭ ھەقسىز ئەمگىكى يەنى ھاشار ئارقىلىق داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئەھۋالدا يول ياساش قۇرۇلۇشى دېھقانلارغا قۇلايلىق ياكى پايدىلىق بولماستىن بەلكى ئۇلارنى ئاۋارىچىلىككە ۋە تېخىمۇ نامراتلىققا مۇپتىلا قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئىدارىسى 2004-يىلى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا دېھقانلارنى بىكارغا ئىشلىتىدىغان ھاشارنى شۇ يىل ئاخىرغىچە تەلتۆكۈس تۈگىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. ئەمما ھاشارنىڭ تا ھازىرغىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەر ۋە ناملار ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا بۇ جەرياندا، دېھقانلار ئەمگەك ھەققى بېرىلمىگەن، يول ھەم تاماق راسخوتى بېرىلمىگەن شارائىتتا، قەرەلسىز ھەر خىل جىسمانىي ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلىنىپ، ھاشار ۋەزىپىسىنى بېجىرەلمىگەن ياكى ۋاقتىدا تاماملىيالمىغانلارنىڭ، جازاغا ۋە جەرىمانىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنى ھەقسىز ئەمگەككە مەجبۇرلىشىدەك ھاشار، گەرچە قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە، ئىنسانلارنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا تامامەن خىلاپ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، ئەمگەك قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ بولغان ھادىسە بولسىمۇ، مۇشۇ ئەسىردە، بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھاشاردىن قۇتۇلالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.