ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «دېموكراتىك كەنت باشلىقى سايلىمى» ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئاتالمىش «دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كەنت باشلىقى سايلىمى» ئۈچۈن، كەنت باشلىقى نامزاتلىرىنى يېزىلىق ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.02.02
ghulja-xerite-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئورنى.
RFA

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋۇكەن كەنتىدە 1-فېۋرال ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك ئۇسۇلدا كەنت ھەيئەتلىرىنى سايلاش ھەرىكىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى دېموكراتىك سايلام» دەپ تەرىپلەنمەكتە.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بىز خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا كەنت باشلىقلىرى سايلىمىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىگە تېلېفون قىلدۇق.

دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 80-يىللاردىن كېيىن، غۇلجا يېزىلىرىدا يېزا باشلىقى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغان بولۇپ، كەنت باشلىقلىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم دېھقانلار ئارىسىدا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىدا سايلاپ چىقىش بەلگىلەنگەن. ئەمما تۇرپانيۈزى يېزىسىدا 2007-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشى بىلەن يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى تۇرغاننىڭ ئورنىغا ئابدۇسەمەت كەنت باشلىقى ھەم كەنت پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھەمدە تاكى 2011-يىل ئاخىرىغىچە يېڭى كەنت باشلىقى سايلىمى ئېلىپ بېرىلمىغان. ئەينى چاغدا ئابدۇسەمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچى دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەتكە چاقىرتىلىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلۇپ، بۇ كىشىلەردىن ئۆچ ئېلىنغان.

2009-يىلدىكى تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي شىركىتىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئەرز قىلىشى نەتىجىسىدە، تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ئابدۇسەمەت ھەم تۆۋەنكى تۇرپانيۈزى كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى تىلىۋالدى قاتارلىق ئىككى نەپەر يېزا كادىرى، 2011-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان. دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن مەخسۇس كادىر بەلگىلىنىپ، بۇ يىل 2-ئايدا بۇ ئىككى كەنتتە يېڭىدىن كەنت باشلىقى سايلاپ چىقىش بېكىتىلگەن.

دېھقانلارنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا كېلەر ھەپتە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان كەنت باشلىقى سايلىمىغا بولغان ئىنكاسى پەرقلىق بولدى. كۆپ قىسىم دېھقانلار كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى ھەم يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلىشى نەتىجىدە پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئىلگىرىكى كەنت باشلىقلىرى ئابدۇسەمەت، تىلىۋالدى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا دېھقانلار نىسبەتەن قوللايدىغان باشقا كەنت باشلىقلىرىنىڭ سايلىنىش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان كەنت باشلىقى سايلىمىغا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەمما، ئۆز كىملىكىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بىر قىسىم دېھقانلار ھەم زىيالىيلار بۇ قېتىمقى كەنت باشلىقى سايلىمىدا نامزاتلارنىڭ يەنىلا يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دېھقانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېقىقى دېموكراتىك ھالدىكى سايلام ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ تۈگىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە خىتايدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك كەيپىياتقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، يېزا كادىرلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلىنىدىغان كەنت باشلىقىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مال-مۈلۈك توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان كەنت باشلىقى سايلىمىغا ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«مەن نۆۋەتتىكى كەنت باشلىقى سايلىمىنىڭ دېموكراتىك سايلام بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى بۇ قېتىم نامزاتلار يەنىلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بېرىلىپتۇ. ئەلۋەتتە يەنىلا ناھىيىدە ئارقا تىرىكى بار كىشىلەر كەنت باشلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ يېڭىدىن سايلانغان كەنت باشلىقلىرى ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا پارىخورلۇق يولىغا ماڭىدۇ. چۈنكى ھازىر پارىخورلۇق، چىرىكلىك ناھىيە، ۋىلايەت، ئوبلاست ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى كەنت باشلىقلىرىغىچە ئەۋج ئالدى. بولۇپمۇ 2009-يىلدىن بۇيان ئىلى تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان «ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» دولقۇنىدا، ئىلىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي ساتقۇزۇپ، ئارىدىن زور بايلىق توپلىدى. تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىككى نەپەر يېزا كادىرى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكلىرى. ئەمەلىيەتتە بۇ يېزىدىكى باغلارنى سېتىشتىن ئەڭ زور نەپ ئالغۇچىلار يېزىلىق پارتكومنىڭ جاڭ فامىلىلىك سېكرېتارى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى ناھىيە ھەم ئوبلاستتىكى باشقا ئەمەلدارلار، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن سوتلانغان سابىق ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرېتارى جياۋ باۋخۇاغا ئوخشاش ھېقىقى پارىخور ئەمەلدارلار يەنىلا جازالانمىدى.»

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 2-ئاي مەزگىلىدە غۇلجا ناھىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەنت باشلىقلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقىش قارارى ئېلىنغان. دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيىسىدە 2009-يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان «ھالقىما تەرەققىيات ئېھتىياجى» باھانىسىدە، دېھقانلارنىڭ يەرلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىۋېتىلگەن يېزىلاردىن، تۇرپانيۈزى، چولۇقاي، پەنجىم، دادامتۇ قاتارلىق يېزىلاردا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار بىرقەدەر كۆپ بولغان. دېھقانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىشى سەۋەبلىك 2011-يىل يىل ئاخىرىدا بۇ يېزىلاردىكى كەنت باشلىقلىرى قاتارلىق تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا كادىرلىرى جازالىنىپ، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن كەنت باشلىقلىرى سايلاش بەلگىلەنگەن. ئەمما يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى، يېزا باشلىقى قاتارلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن باشقا كادىرلارغا نىسبەتەن پەقەت يېزىلار ئارا يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋاسىتىسى قوللىنىلغان. دېھقانلارنىڭ يېرىنى ساتقۇزۇش بەدىلىگە ئەڭ زور مۈلۈك توپلىغان ناھىيە ھەم ئوبلاستتىكى كۆپلىگەن ئەمەلدارلار بولسا يەنىلا ئۆز ئورنىدا قېلىۋەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.