"شىنجاڭ" نامىدىكى يېڭى دەرسلىك كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆتۈلىدىكەن
2004.12.08
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كېلەركى يېڭى ئوقۇش يىلىدىن باشلاپ قوشماقچى بولغان "شىنجاڭ" دەرسلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، " شىنجاڭ" دەرسلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى، تەبىئىي شارائىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر چوقۇم ھەر ھەپتىسى ئۈچتىن تۆت سائەتكىچە ۋاقىتنى مەزكۈر دەرسلىك ئۈچۈن ئاجرىتىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
بۇ دەرسنى ئېچىشنىڭ قەغەزدىكى مەقسىتى
خەۋەرگە قارىغاندا، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئۆتىلىدىغان " شىنجاڭ" دەرسلىكى ئۈچۈن 18 پارچە كىتاب لايىھىلەنگەن. مەزكۇر ئوقۇشلۇقلارنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ، پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى ۋە مائارىپ نەشرىياتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ چىقىرىدىكەن.
شىنجاڭ دەرسلىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، مىللى مەدەنىيەت، خەلق ئەدەبىياتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللى ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى، ئاتىزىم تەربىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، غەربنى ئېچىش، قانۇن تەربىيىسى، ئاتېزىم، مىللىي ئىتتىپاقلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە " شىنجاڭ" دەرسلىكىنىڭ ئوقۇشلۇقلىرىنى لايىھىلەشكە قاتناشقان بىر تۈركۈم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
"ئۇيغۇرلارنىڭ توپىلاڭچىلىق ئېڭى بار"
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي - ئىدىيىۋىي تەربىيىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يېڭى دەرسلىكى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان بىر نۆۋەتچى خادىم، بۇ ئىدارىگە يېڭى كەلگەن بولغاچقا، " شىنجاڭ" دەرسلىكى ھەققىدىكى كونكرېت ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ يېڭى دەرسلىكنى قوشۇشتا بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتاينى تېخىمۇ سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرا رايون. شۇڭا، بۇ دەرسلىك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرتى ۋە دۆلىتىنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلىمەكچى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە توپىلاڭچىلىق ئېڭى بار. شوڭا كىچىكىدىن تارتىپ ئۇلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىدىغان ئاڭنى يىتىشتۈرمەكچى.
بۇ دەرسنى ئېچىشنىڭ ئەسلى مەقسىدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بۇنداق بىر دەرسلىكنى تەسىس قىلىشى، چەتئەلدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە مائارىپچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆگىتىپ، دىنسىزلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولغان، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان قادىر ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " شىنجاڭ" دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشى ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتاينىڭ بۇنى قىلىشىدىكى مەقسىدىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ سىياسىي مەقسىدىنى سىڭدۇرۇش، خىتاي بىلەن بولغان پەرقنى يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى بوشىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، "شىنجاڭ دەرسلىكى" نىڭ تەسىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ دەرسلىكنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پارلاق ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان تونۇشىنى سۇسلىتىپ، ئۇلارغا "شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۇرۇش ۋە خىتاينىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى كۇچەيتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى س رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قادىر ئەپەندى ئاخىرىدا، يۇقىرىقىدەك تەسىرلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ، تاكتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىشى كېرەكلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن زىيالىلار سېپىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسمىلاتسىيىنى تېزلىتىشىگە قارشى ئاۋازىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى " شىنجاڭ سىنىپى" كىنو فىلىمى قىلىپ ئىشلەنمەكتە
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (3)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (2)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (1)
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- "قوش تىللىق بولۇش" تەلىپى ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
- خىتاي تىلىنىڭ ئومۇمىلىشىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمەيدۇ