خىتايلار نېمە ئۈچۈن ساقال بىلەن ھىجابتىن قورقىدۇ؟
2013.02.13
مۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانچە كىيىنىشى ۋە مۇسۇلمانچە يۈرۈشى دىننىڭ ئەمرى ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. شۇڭا مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قايسىبىر يېرىدە بولمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەبىئىي ھەققىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەبىئىي ھەققى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوخشىغان خەلقىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىمۇ قوغدىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەسىردە، ئاھالىسى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى چەكلەنگەندەك، ئۇلارنىڭ دىنىي كىيىنىشىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن چەكلەنمەكتە.
بىر ئۇيغۇر ھاجىمنىڭ ئېيتقانلىرى
سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كىيىنىشىگە، بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشىغا قارشى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر ھاجىم مۇنداق دېدى:
- ھازىر بىزنىڭ يۇرتتا دوختۇرخانىلارغا، قاتناش بېكەتلىرىگە، ئىدارە ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ساقال قويغان ياكى جىلباب كىيىۋالغانلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ۋە بۇ ھەقتىكى «ئالاھىدە ئۇختۇرۇش»لار ھەربىر دوقمۇشقا چاپلىنىپ كەتتى. مەن بىلىدىغان بىر قانچە كېسەل ئايالنى ناھىيىمىزدىكى دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئاخىرى شەخسىي دوختۇرلارغا ۋە تىۋىپلارغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن بارغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ساقچىلار ئېرى بىلەن كېتىپ بارغان بىر قوشنىمىزنى بازاردا «يۈزۈڭنى ئاچىسەن» دەپ يۈزىنى ئېچىشقا زورلىغان. ئېرى ئارىلاشقانلىقى سەۋەبلىك ئۇ ئايالنى ۋە ئېرىنى بىرگە ساقچىغا قارشى چىقتى دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ سولاپ قويغان.
بۇ ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، بازارلىرىغا كىرگەن روپاچ ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولاش ۋەقەلىرى كۈندە دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىكەن.