ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش كاپالىتىدىكى پەرق ۋە سەۋەبلەر
2012.11.22
ئەمما نېمە ئۈچۈن 18 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ ئائىلىدە ياكى دىنىي ئۆلىمالارنىڭ قولىدا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ۋە دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى تۇڭگانلار غا ئوخشاشلا كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىلدىكى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن خىتايدا 9 مىليون 820 مىڭ تۇڭگان مىللىتى بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ياشايدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۇڭگانلار ئالاھىدە دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە.
يېقىندا شىئەندىكى غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىش مەركىزى «تۇڭگان ياشلىرىنىڭ دىنىي دۇنياسى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدا 18 ياشتىن تۆۋەن تۇڭگان ياشلىرى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىش ئەركىنلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۆپ دەرىجىدە ئەركىن ئىكەن. گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جاڭ جياچۇەن قىزلار دىنىي مەكتىپى 1991-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 14 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان قىزلارنى تەربىيىلەيدىكەن. مەكتەپ تۇڭگان خەلقىنىڭ ئىئانىسى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، كىرىمىمۇ ئاساسلىق ئىئانىدىن كېلىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېيتىلىشىچە، 18 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ ئىچىدە 86.4% ياش داۋاملىق مەسچىتكە ئۆزلىرى خالاپ بارىدىكەن. ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بىلەن بارىدىغانلار ئاران 5.9% ئىكەن.
ئەجەبا ئۇيغۇرلارچۇ؟ 18 ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا مەسچىتلا ئەمەس، ئۆيىدىمۇ قۇرئان ئوقۇشى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا بولۇپ، رادىئومىز بۇ يىل 8-ئايدا دەرستىن سىرت قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقان 12 ياشلىق ئامانۇللانىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خوتەن شەھىرىدىن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر گۇۋاھچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2010-يىلى 4-ئايدا كېرىيە ناھىيىسىدىن 17 ياشتىن تۆۋەن 6 ئۇيغۇر ياشنىڭ مەكتەپتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يوشۇرۇنچە قۇرئان ئوقۇشقا بارغانلىقى بايقىلىپ، دەرھال قولغا ئېلىنغان ۋە 8-يىلدىن 14يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىپ ئاقسۇ ۋە يەكەندىكى تۈرمىلەرگە قامالغان.
بىز بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى رەئىسى كېرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
كېرەم ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن دىنىي ئەركىنلىك بىلەن تۇڭگانلارغا بېرىلگەن دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھېچقانداق بىر پەرقى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاش ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ شۇنداقلا مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي زۇلۇمنى قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنچىلا ئەنسىرەيدۇ؟ ئامېرىكىدىكى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى ۋە خىتاي تەتقىقاتچىسى درۇ گلادنېي بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئىككى خىل سىياسەت قوللىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ماددىسىنىڭ جايلاردىكى ئەمەلىيلىشىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشى، «دىنىي ئەركىنلىك ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققا ئېلىپ بارىدۇ» دەپ ئەنسىرىگەنلىكتىن دەپ قارىمايمەن، چۈنكى بۇ ئورۇنسىز ئەنسىرەش، ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش «رادىكال كۈچلەر» نىڭ ئەسەبىيلىشىشى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قاتتىق قول زۇلۇمىغا غەزەپلىنىشتىن بولۇۋاتىدۇ.
ئەمما، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قارىشى پەرقلىق بولۇپ، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى غۇلام ئوسمان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە تۇتقان پەرقلىق مۇئامىلىسىنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ئارقىلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقنىڭ دوكتور درۇ گلادنېي ئېيتقاندەك ئاتالمىش «رادىكال كۈچلەر» نىڭ ئەسەبىيلىشىشىدىن ئەمەس، زۇلۇمغا بولغان غەزەپتىن پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي، سىياسىي ۋە تارىخىي مەسىلىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى، تۇڭگانلاردا بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.