خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئون نەچچە بالا يارىلانغان

12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىگە نارازىلىق بېسىقماي تۇرۇپ، خوتەندە ساقچىلار بىر يەر ئاستى قۇرئان-كەرىم كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئون نەچچە بالىنى يارىلاندۇرغان.

0:00 / 0:00

6‏-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى سەھەردە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ خوتەن شەھىرىدە بالىلارغا قۇرئان-كەرىمدىن ساۋات بېرىدىغان بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 12 بالا ھۇجۇم جەريانىدا كېلىپ چىققان ئوت كېتىش ۋەقەسىدە يارىلانغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى‏-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «تەڭرى تاغ» تورى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامانلىق كۈچلىرى قانۇنسىز يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 54 بالىنى قانۇنسىز مۇدەررىسلەرنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان. بىراق، بۇ جەرياندا بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئوت ئالغۇچى ئەسۋابنى پارتلىتىۋېتىشى بىلەن ئوت كېتىپ، 12 بالا كۆيۈپ يارىلانغان. يارىلانغان بالىلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان.

لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئوت كېتىش ۋەقەسىنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ساقچىلارنىڭ دىنىي كۇرسنى قورشاپ، ئۆي ئىچىگە ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىسى ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى داۋاملىق ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دەسلەپكى ئۇچۇرلاردىن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى بالىلارغا ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىدىن چىققان گاز ئوت ئېلىپ، ئون نەچچە بالىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دېگەن خۇلاسىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان قۇرئان كۇرسى مۇددەرىسلىرىنىڭ بىرى ئايال بولۇپ، ساقچىلار بىلەن قۇرئان كۇرسىدىكىلەر ئارىسىدا تىركىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، ئوت كېتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋە «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە، خوتەن شەھىرىدىكى مەزكۇر «قانۇنسىز دىنىي كۇرس» نىڭ نۇرغۇن بالىلارنى ۋە ئۆسمۈرلەرنى كونترول قىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتكە ئاساسەن، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە، 3 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىككىسى يارىلانغانلىقى، 3 ساقچىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، يارىلانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى، ياش-قۇرامى، قالغان بالىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

دىلشات رىشىت، قۇرئان كۇرسىغا قاتنىشىپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ياش-قۇرامى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ 3-4 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ۋەقەدە يارىلانغان بالىلار خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى يارىدار بالىلارنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ياتقۇزۇلغانلىقى، قالغان بالىلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ، يەنە قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قايتۇرۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ياكى ساقچى تەرەپنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق خوتەن ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ ۋەقەنىڭ ھېقىقى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئورگان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى. خوتەن شەھەر سىرتىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باستۇرۇش ۋەقەسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يولغا قويغان دىنىي سىياسىتى ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2012‏-يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىماي باستۇرۇۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى بارغانسېرى زوراۋانلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۆز ئاساسى قانۇندىكى دىنىي ئەركىنلىك ماددىلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە نارەسىدە بالىلارغا قاتتىق قول ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى يارىلاندۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن رايوندىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا باغلاپ، ئۇلارنىڭ قويۇق ئىسلامى يۈزلىنىشىنى مۇقىملىققا تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەن. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاتتىق قول ۋاسىتىلەر بىلەن زەربە بېرىپلا قالماي، ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش قاتارلىق ئىسلامى سىمۋوللارنى چەكلەش ئارقىلىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خوتەندە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ۋاقىت جەھەتتىن ناھايىتى سەزگۈر بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. چۈنكى بۇ ۋەقە ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاتنىڭ پەيشەنبە كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىرانغا قايتىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتمەكچى بولۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن ئىدى. بىر ئىسلام جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى بىر قۇرئان كۇرسىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ياكى پىلانلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.