بىر قىسىم دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە قۇربانجان مۇداش بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت

غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلەر ئويلىنىش ھەم جاۋاپلىنىش ۋەزىيىتىنى تەقەززا قىلماقتا.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقلىرىغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدە دېلىغۇل بولۇش ياكى بىراقلا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى پەيدا قىلماقتا. بىز بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي قۇربانجان مۇداش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

قۇربانجان مۇداش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا دىنىي تەلىم- تەربىيە ئالغان. 1995-يىلدىن 1998-يىلغىچە پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدىكى ئىمام ئەبۇ ئەنىپە ئىنستىتۇتىدا، 1999-يىلدىن 2003-يىلغىچە ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئەقىدە فاكۇلتېتىنىڭ سېلىشتۇرما دىنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.