دولان مۇقامى دەۋرىمىزگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالدى؟


2006.09.21

نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردىن بۇيان دولانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان دولان مۇقاملىرىنى تولۇق بىلىدىغان خەلق سەنئەتكارلار، نۆۋەتتە 300 گە يەتمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر دولان مۇقامىنىڭ ۋارىسلارنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزىلەر بۇنىڭغا مۇقام ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى ھەمدە مۇقامچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان تەبىئىي مەكتەپ، مەشرەپ پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئىلگىرىكىدەك كۆپ ئۆتكۈزىلمەيۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمدە دىنىي بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، تونۇلغان ناخشىچى، كومپوزىتور كۈرەش كۆسەن ئەپەندى بىلەن "دولان مۇقامى" نىڭ ساقلىنىشىدا دۇچ كېلىۋاتقان توسالغۇلار ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.