دولقۇن ئەيسا: 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر يىلى بولغۇسى
2012.12.31
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم 1974-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، ھەر خىل ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسى 2006-يىلىدىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلغان يىللىق يىغىنلىرىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشقا باشلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئالىم سېيىتوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى مېچىل فىلىپىس قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ يىغىنلارغا ۋەكىل سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش دوكلاتى، تۈرمىدىكى يازغۇچى ۋە مۇخبىرلار، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش دوكلاتى قاتارلىقلارنى سۇندى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2013-يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر يىلى بولىدىغانلىقىنى، 2013-يىلى ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان دوكلاتلارغا شەرتسىز جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە 2013-يىلى 3-ئايدا جەنۋەدە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلىۋاتقان» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى، 10-ئايدا بولسا، بىريۇسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا خەلقئارالىق «ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.