دولقۇن ئەيسانىڭ كورىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىنكاسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت تېز ئىنكاس قايتۇردى ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.18
Yalta-yighini-echilghan-saray-Dolqun-Eysa-305.jpg ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﻳﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﯟﻯ ﺩﯗﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻟﯩﯟﺍﺩﯨﻴﺎ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ "ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ" ﺋﯧﻠﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
RFA Photo / Erkin Tarim

جەنۇبىي كورىيىدا ئېچىلغان ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى Bo Tedards تۈنۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: "ئەسلىدە جەنۇبىي كورىيىنىڭ دولقۇن ئەيسانى تۇتۇپ قالىدىغانغا ھېچقانداق سەۋەبى يوق. بۇ يەردە پەقەت خىتاي تەرەپنىڭ كورىيىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. دولقۇن ئەيسانىڭ سەۋەبسىز تۇتۇپ قېلىنىشى ئەلۋەتتە بىزنى بىئارام قىلدى. ئەمما بۇ يەردە ئىسپاتلىنىۋاتقان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ دولقۇن ئەيسانىڭ تەسىر كۈچى ۋە يەنە ئېچىلىۋاتقان يىغىنىمىزنىڭ تەسىر كۈچى."

دولقۇن ئەيسا قاتناشماقچى بولغان يىغىننىڭ ئاساسلىق تىمىسى " ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش" نامىدا بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 100 گە مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلرى تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋاقىت ئايرىلغان. دولقۇن ئەيسا چېگرادا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى، خەلقئارا رادىكال پارتىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى Marco Peruduca ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ دولقۇن ئەيسا بىلەن يېقىن دوست ۋە سەپداش ئىكەنلىكىنى، دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆپلىگەن پائالىيەتلەردە بىللە بولغانلىقىنى، دولقۇن ئەيسانىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى باشقا ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ چاقىرىقنامىسىدا جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىز جەنۇبىي كورىيىنى دېموكراتىيىسى تەرەققى قىلغان دۆلەت دەپ قارايمىز. جەنۇبىي كورىيە خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ، بېيجىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئىش خىتاينىڭ مەيلى بويىچە تەرەققى قىلسا، دولقۇن ئەيسا ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك."

دولقۇن ئەيسانىڭ چېگرىدا تۇتۇپ قېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە كورىيە دائىرىلىرى تۇتۇلغاندىن قويۇۋەتكىچە ئارىلىقتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۇ ھەقتە يىغىن رىياسەتچىسى Bo Tedard ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ۋەقەگە خىتاينىڭ قول سالغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇنىڭ قانداق بىر قانال ئارقىلىق قول سالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىر بولسا، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار قارا تىزىملىكى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بىرى كورىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشقان بولۇشىمۇ يەنە بىر ئېھتىماللىق."

دولقۇن ئەيسانىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇشى، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىشلىرى مەسئۇلى Roseann Rife بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارا قانۇننى بۇزغان بىر قىلمىشى بولسا جازالىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇنىڭغا پاكىت بولمىسا دەرھال قويۇۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر باياناتچى سۆزىدە، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا دولقۇن ئەيسانىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى خىتايدا قىيىن - قىستاق ۋە ئۆلۈم تەھدىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
 
جەنۇبىي كورىيىنىڭ Yonhap خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا، خىتاينىڭ تېررورچىلار قارا تىزىملىكىگە ئاساسەن چېگرىدا تۇتۇپ قېلىنغان ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇۋېتىلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ئەيسانىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە كورىيىدىكى گېرمانىيە ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى مۇھىم رول ئوينىغان.

دولقۇن ئەيسا بۈگۈن گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى Marco Perduca ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئامان - ئېسەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى تېلېفون ئارقىلىق تەبرىكلىگەن ۋە پائالىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.