ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2009 - يىللىق يىغىنى مۇۋپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.10.07
2009.10.07
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭘﯘﻝ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭘﯘﻝ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺩﻭﻣﯩﻨﯩﻚ ﺳﯩﭽﺎﺱ-ﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
AFP Photo
بۇ يىغىنغا 186 دۆلەتتىن كەلگەن 13 مىڭ ۋەكىل ۋە 2 مىڭ زىيارەتچى ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا 1661 نەپەر مۇخبىر قاتناشقان بولۇپ، 667 نەپىرى تۈركىيىلىك مۇخبىرلار باشقىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار ئىكەن. يىغىن 11 تىلغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ يىغىن ئىستانبۇلنىڭ قۇرۇلتاي مەركىزى زالىدا ئېچىلغان بولۇپ يىغىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلاندى.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئاساسلىقى، دۇنياۋى كىرىزىستىن قۇتۇلۇش، ئىقتىسادى سېستىمنىڭ كەلگۈسى، دۇنيا پۇل فوندى ئىدارىسىنىڭ ئىسلاھاتى، دۇنياۋى كرىزىس ۋە كرىزىسنىڭ تەسىرىگە قارشى تەدبىرلەر، يۈكسەلگەن ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، كرىزستىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېىمى، كرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار ئەڭ ياخشى سىياسەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىن باشلىنىش بىلەنلا ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا دۇنيا بانكىسىغا قارشى نامايىش باشلاندى نامايىشقا تۈركىيە مەمۇرلار ۋە ئىنژېنىرلار بىرلىكى، تۈرك دوختۇرلار بىرلىكى قاتارلىق كۆپ ساندا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نامايىش ئۇيۇشتۇردى. نامايىشقا 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ساقچىلار قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان 50 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.
نامايىش جەريانىدا يىغىن داۋام قىلغان بولۇپ يىغىن تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ نۇتۇق سۆزلىشى بىلەن باشلاندى ئەردۇغان مۇنداق دېدى: "دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ۋاقىراشلارغا، تەلەپلەرگە بۇ زالنىڭ سىرتىدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلارغا قۇلاق سېلىشىمىز لازىم ھېچ كىم زىيانغا ئۇچرىمىغان، ھېچ كىم دۇنيانىڭ بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنمىغان، ھەر كىمنىڭ ئادالەت ۋە شەپقەتتىن ئوخشاش پايدىلانغان بىر دۇنيا قۇرۇشىمىز لازىم تىنچلىقنىڭ، قېرىنداشلىقنىڭ، بىخەتەرلىكنىڭ، پاراغەتنىڭ خەلقئارالاشمىغان بىر دۇنيادا ھېچكىمنىڭ خۇشال - خۇرام ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىدى. بىز 21 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا بۇ ئەسىر بىر تىنچلىق ئەسىرى بولىدۇ دەپ داۋا قىلدۇق خەلقئارا تىنچلىقنى قۇرۇپ چىقىمىز دېدۇق، تېررورغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىمىز دېدۇق، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئۇنداق بولمىدى. ئۆتكەن يۈز يىلدا بۇ ئادالەتسىزلىك مەنزىرە توقۇنۇشقا، ئۇرۇشقا ئايلاندى. كۆچۈشكە، پايدا - مەنپەئەتكە تەڭپۇڭسىزلىق، چوڭ شەھەرلەردە جىنايەتلەر ئادەتكە ئايلاندى، ئەتراپ قەتلى قىلىندى ۋە قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ رايونلۇق ئۆزگىرىشلەردە كۈتكەن ئىجابىي يېڭىلىقلار تېخىچە يوق."
باش مىنىستىر ئەردۇغان بۇ يەردە قەتلىئام ئىپادىدىن كىملەرنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس ئەمما 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئۇ ۋەقەلەرنى قەتلىئام ۋە ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق دەپ ئىپادىلەپ خىتاينى ئۇ قەتلىئامنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
تۈركىيە ت ر ت تېلىۋېزىيەسىنىڭ 7 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ رەئىسى روبېرت زوئىللىك سۆز قىلىپ خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى 2009 - يىلىدا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى، قىسقا مۇددەتلىك كاپتالىزىمدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپ چىقىرىلغان بىر سەرمايە سىستېمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "گ 20 دەپ بىلىنگەن دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان ئىقتىسادىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گ - 186 دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ خىزمەت ئىشلەش كېرەكلىكىنى، گ - 186 دەپ نام بېرىلگەن گۇرۇپ بولسا دۇنيا بانكىسى يىغىنلىرىغا ۋەكىل ئەۋەتكەن پۈتكۈل دۆلەتلەر يەنى باشقا بىر ئۇقۇم بىلەن ئاڭلاتقاندا دۇنيا بايلىقىنىڭ يۈزدە 75 پىرسەنتى قولىدا بولغان دۆلەتلەر بىلەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپ سانىقىنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى."
دۇنيا پۇل فوندىنىڭ رەئىسى سترائۇس كھان بولسا، دۇنيادىكى ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنىڭ كونترولدىن چىققانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ باشقا بىر كرىزىسنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتتى، بۇ كرىزىستىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ يېڭىدىن بىر چوڭىيىش مېتۇدقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا ئۆزگىرىشلەرگە دۇنيا ئىقتىساد فوندىنىڭ ئىدارە ئىسلاھاتلار بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى دۇنيا ئىقتىساد فوندىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە ۋەكىللىك قىلمىغان دۆلەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئېلىنغان قارارلار ئېلان قىلىندى ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 7 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل قارارى دەپ نام بېرىلگەن بۇ قارارلاردا، خەلقئارا كىرزىستىن قۇتۇلۇشقا ئىشارەت قىلىنغان بولسىمۇ ئاستا خاراكتېرلىق بىر يول ئىكەنلىكى، كرىزىسنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، كرىزىستىن قۇتۇلۇش تەدبىرلىرى ئۈچۈن دۆلەتلەر ئۆز - ئارا پۈتۈن بىر ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىش كېرەكلىكىنى، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسى تۈۋرۈكى بولۇشى داۋام قىلىدىغانلىقى دىققەتكە ئېلىنغان.
بىرىنچى قارار، خەلقئارا مۇقىملىق ئۈچۈن دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت چۈشەنچىسىنى ئالماشتۇرۇش دۇنيا ئىقتىساد فوندىنىڭ بۇ كرىزىستىن چىقىش يولىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن باشتا خىزمەت چۈشەنچىسىنى، ئاساسىي پرىنسىپنى ۋە ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرۇش كېرەك بولىدىكەن.
ئىككىنچى قارار بولسا، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرلىك قەرز بېرىش ئىمكانىيەتنىڭ ئېچىلىشى.
ئۈچىنچى قارار بولسا، گ - 20 نىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئارتۇق بېرىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىساد فوندى رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ۋەكىللىك قىلالايدىكەن. بولۇپمۇ ئىقتىسادى ساھەلەردە دۇنيا ئىقتىساد فوندى تەشكىلاتىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنالايدىغان بۇ قارارغا ئاساسەن تۈركىيە قاتارلىق 54 دۆلەت بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئارتۇق پايدىلىنالايدىكەن. بۇ تارىخىي قارارلارغا ئىستانبۇل قارارى دەپ نام بېرىلگەن.









