خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى، ئىستانبۇل شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشچىلار ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىن ئاپتوبۇس ۋە كىچىك ماشىنىلار بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ يولغا چىقتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان ۋە " مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە "،" شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلسۇن"، " مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىقلار تېررورچى ئەمەس" دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا - تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلاندى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مىللى كىيىملىرىنى كىيىشكەن بولۇپ، باشلىرىدا چىمەن دوپپا، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان، بەزى ياشلار يۈزنىڭ بىر تەرىپىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى يەنە بىر تەرىپىگە تۈركىيىنىڭ بايرىقىنىڭ رەسىمىنى سىزىۋالغان.
نامايىشتا پۇت - قوللىرى زەنجىر كىشەن بىلەن باغلانغان بىر قانچە كىشى مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. نامايىش جەريانىدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئىچىدە تۇرىۋاتقان بىر قانچە خىتاي نامايىشچىلارنى ئارقا - ئارقىدىن رەسىمگە تارتتى.
كونسۇلخانا ئالدىغا 50 گە يېقىن تۈركىيە ساقچىلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانا دەرۋازىسى ئالدىغا يېقىنلىشىشىنى توستى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانا دەرۋازىدىن كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى.
نامايىشچىلار بىردەك "شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك"، " تېررورچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت"، " ئىنساندەك ياشاش بىزنىڭمۇ ھەققىمىز" شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان " "مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە"، "ھەق - ھوقۇق ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت "، " ئەركىنلىك ھەققىمىز، زۇلۇمغا قارشى بۇ يەردە بىز" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. تۈركىيىدە قارا چەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. قارا چەمبىرەك ئۈستىگە "شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلسۇن " دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
نامايىشقا يەنە ئاخباراتچىلار، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جالال نومانئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
بۈگۈن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ 60 - يىلىنى تەبرىكلەيمىز، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇنيادا ئىنسانلار ئارىسىدا تەڭلىك، قېرىنداشلىق ۋە تىنچلىقىنىڭ ئومۇملىشىشىنى خالايمىز. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان، ئاسارەت ئاستىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى ۋە ئازاتلىقىنى، ئەركىنلىكىنى خالايمىز.
جالال نومانئوغلۇ ئەپەندى سۆزىدە خىتاي دائىرلىرىنى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ يەنە مۇنداق دېدى: "بۈگۈنكى خىتاي خەلق ھاكىمىيىتى دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتتۇر. خىتاي ۋە بېيجىڭ دېگەن ھامان ئىنساننىڭ ئەقلىگە، زۇلۇم، ئىسكەنجە، ئۆلۈمگە مەھكۇم، ئىرقچىلىق، ئاتوم - يادرو سىناقلىرى، ئىرقىي يوقىتىش، بىگۇناھ ئۆلۈۋاتقان نەچچە مىڭلىغان بوۋاقلار كېلىدۇ."
جالال نومانئوغلۇ يەنە مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئانا تىلىمىز چەكلەندى. خىتاي تىلى مەجبۇرى ئۆگۈتۈلمەكتە. مەدەنىيىتىمىزنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىنساپسىزلاچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىنساندەك ياشاشنى خالايمىز. خىتاينىڭ ئىرقچىلىق، مىللەتچىلىك ۋە باستۇرۇش سىياسىتىدىن نەپرەتلىنىمىز. بىز ئارزۇ ئىستەكلىرىمىزنى تىنچلىق يوللىرى بىلەن يىغىن ۋە نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە تىرىشساق، ھەقسىزلىق بىلەن بىگۇنا تۇتقۇن قىلىنىۋاتىمىز. تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتىمىز. سوت ئېچىلماستىن جىنايەت ئارتىلىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتىمىز. تۈرمىلەردە ھەر تۈرلۈك قىيىن - قىستاق ۋە ئىشكەنجىلەرگە دۈچ كېلىۋاتىمىز. بىگۇناھ يۈزلىگەن ياشلىرىمىز ھەقسىز ھالدا ئۆلۈمگە مەھكۈم بولىۋاتىدۇ."
جالال نومانئوغلۇ ئەپەندى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىگە خىتاپ قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: "ئەركىن دۇنياغا شۇنى خىتاپ قىلىمىزكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھەققىنى، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھەققىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىغا خاتىمە بەرسۇن. ئىنسان ھەقلىرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىنسانلارنىڭمۇ ھەققىدۇر."
بىز نامايىش ئاخىرلاشقاندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.