چېن شىۋېن: بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسقا تاقابىل تۇرىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن شىۋېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ 'بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتى' يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسقا تاقابىل تۇرىدۇ. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىدۇ.
چېن شىۋېننىڭ قارىشىچە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىدە، خىتايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن. يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كېلىپ مەدىكارچىلىق قىلىۋاتقان 130 مىليون دېھقان ھازىر بۇ ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىدە ئىشسىزلىققا يۈزلەنگەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر يېزىلارغا قايتىشقا باشلىغان. ئەمدى ھۆكۈمەت دېھقانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغايدۇ.
خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈش
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جژچاڭنىڭ كۆز قارىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا 30 يىللىق ئىشك ئېچىش - ئىسلاھات جەريانىدا، چەتئەل شىركەتلىرى ۋە چەتئەللەر بىلەن شېرىكلەشكەن شىركەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلاتتى.
ھازىرقى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىستا، بۇ شىركەتلەر ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ شىركەتلەردىكى دېھقان ئىشچىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىدى، ھەتتا بىر قىسمى پۈتۈنلەي ئىشسىز قالدى. مۇشۇ كىشىلەر ھازىر مىليون - مىليونلاپ يېزىغا قايتىشقا باشلىدى. بۇرۇن بۇ دېھقان ئىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ بېجىنى تۆلىسە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالۋاڭ - سېلىقلىرىنى تاپشۇرسىلا بولاتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ قولىدا پۇل يوق. خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق كەڭ كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈش ھازىر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
ئەمدى زاۋۇتلارغا توختام كەلمىسە، يەنە كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق دولقۇنى پەيدا بولىدۇ
شېنجېندىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ كەيمىڭنىڭ قارىشىچە، ئەگەر زاۋۇتلارغا مۇشۇ ئىككىنچى ئاي ۋە ئۈچىنچى ئاي ئىچىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپون بازارلىرىدىن يەنە توختام كەلمىسە، شەھەرلەردە يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق دولقۇنى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ھۆكۈمەت گېپىدە تۇرمىسا، يېزىلاردا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدۇ
جۇڭخۇا قىزلار ئىنستىتۇتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ مىڭخۇينىڭ قارىشىچە، دېھقان يەردىن ئايرىلسىلا، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە، دېھقان دەپ قارالمايدۇ، شەھەردە بولسا شەھەر نوپۇسىغا ئېلىنىشى، يېزىدا تۇرسا ئۇنىڭغا ياردەم پۇلى بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەت ئەمدى گېپىدە تۇرمىسا، ھازىر يېزىغا ئېقىۋاتقان ئىشچىلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن.
خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشى %6.7 گە چۈشۈپ قالدى
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن سېنگاپوردىن بايان قىلىشىچە، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوند جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دومىنك ستراۋس كاھن ئەپەندى بۈگۈن ئۆزىنىڭ شۆبىلىرىگە، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ھازىر خەلقئارالىق پۇل - مۇئامىلە كرىزىسنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، كېلەر يىلى قايتىدىن جانلىنىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزى يالغۇز ئورۇنلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كاھن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا كېتىۋاتقان ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەردىمۇ ئېكسپورت مىقدارى ئازلاپ كەتتى. دۇنيا ئىقتىسادى ھازىر ئۆتكەن يىلنىڭ 11 - ئېيىدىكى %4.9 نىمۇ ساقلاپ قالالماي تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسەن ئېيتقاندا، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى ئاران %2.7 ئۆسۈشى مۇمكىن.
كاھن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسىيادا ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت دەپ قارىلىدىغان ياپونىيىدىن قالسىلا، خىتاي ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت. ھازىر خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشى بۇلتۇرقى %9 دىن تۆۋەنلەپ %6.7 گە چۈشۈپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، خىتاي بۇ يىل %8 گە يەتكۈزۈشنى نىشانلىماقتا. ئەمما خىتاينىڭ بۇ نىشانى ھازىر رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
كاھن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەگەر ئۆزىنىڭ بازارغا بولغان ئېھتىياجىنى قوزغاتمىسا، ئامېرىكا، ياۋروپالارغا ئېكسپورت قىلىشقىلا بېقىنىدىغان ئەنئەنىسى بۇيىچە ئىش قىلىۋەرسە، باشقا دۆلەتلەر تېخىچە ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىستىن ئۆزىنى يالغۇز قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.