
تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ شۇرا زالىدا تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۆرگەزمىگە ئەزەربەيجان مەدەنىيەت جەمئىيىتى، قىرىم تاتار جەمئىيىتى، سىپۇرۇس مەدەنىيەت جەمئىيىتى، ئىراق تۈركمەنلىرى مەدەنىيەت جەمئىيىتى، بالقان تۈركلىرى ۋەخپى باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشتى ۋە بۆلۈم ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە خاس بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى بىر بۆلۈم ئېچىپ، جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان گېزىت، ژۇرنال، كىتابلار، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.
بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى كۆرسىتىلگەن رەسىملەرمۇ كۆرگەزمە مەيدانىغا ئېسىلغان بولۇپ، بۇ كۆپ ساندا جۇرنالىستلارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتتى. ھەرقايسى تېلىۋىزىيەلەر بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بەردى. بىز بۇ كۆرگەزمە مەيدانىغا بېرىپ، بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە زىيارەتچىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

كېيىن بۇ يەردە كۆرگەزمە ئېچىپ ئولتۇرغان ۋە ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئايلىنىۋاتقان ئەزەربەيجان مەدەنىيەت جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى در. يالچىن سارىقايا ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان دېگەن ۋاقىتتا كۆز ئالدىمغا بىر مۇجادىلە كېلىدۇ. ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن مۇجادىلىلەردىن بىرىدۇر. بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھارماي تالماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇجادىلىدۇر. ئۇيغۇر دېگەن ۋاقىتتا كۆز ئالدىمغا باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ كۆرگەزمىدىمۇ كۆرگىنىمىزدەك، باي يېمەك ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە سەنئەت مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئەپسۇسكى بۈگۈن بۇنداق باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا يۈرگۈزىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچار بولماقتا."
در. يالچىن سارىقايا ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: " بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئاز سانلىق مىللەت مۇئامىلىسى كۆرمەكتە. خىتاي نوپۇسى كۆپەيگەنسېرى ئۆز تۇپراقلىرىدا ئاز سانلىق مىللەت ھالىغا چۈشۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەمما مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەربەيجانغا ئوخشاش بالدۇرراق ئۆز ئەركىنلىكىگە، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە ئىگە بولۇشىنى تىلەيمەن. بىز قەيسەرىدە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بىلەن تونۇشتۇق. مەن تۈركىيىدە ھارماي تالماي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنى كۆردۈم، ھەممىسى ئۆز ئانا تىلىنى بىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز دەۋاسىغا ئىگە چىقىشقا داۋام قىلسا شەرقىي تۈركىستان چوقۇم ئازات بولىدۇ." (ئەركىن تارىم)