دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى ۋە شەرقىي تۈركىستان

مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت بولۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

بەزى ئالىملار: سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلەردىكى نوپۇسنىڭ تەدرىجى كۆپىيىشى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولماقتا، دەپ قارىماقتا. مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئامىللار تۇمان، يېقىلغۇ تۇتۈنلىرى، تۆكۈۋېتىلگەن خىمىيە دورا سۇيۇقلۇغى، نېفىت، سۇلياۋ قالدۇقلىرى، تاشلاندۇق خىمىيىۋى ماددىلار ، پارتىلىتىلىنغان خىمىيە لىك ۋە رادىئاكتىپلىق ماددىلار مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئامىللاردۇر. 1972 ‏ - يىلى شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم شەھرىدە ئېچىلغان ب د ت مۇھىت ئاسراش يىغىنىدا ماقۇللانغان بىر قاراردا ھەر يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنىنى دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۇيغۇر خەلقى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىدىمۇ؟ ئۇچرىغان بولسا قايسى خىل تۈردىكى مۇھىت بۇلغىنىش تەسىرگە ئۇچرىدى ھەم ئۇچراۋاتىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن تاپالايسىز.

2008 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئابدۇلقادىر ئاقيول يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە مۇھىت ناملىق بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت تۈركوز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى پروفېسسور دوكتور مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى ۋەكىلى ئىلياس ساكا ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇرېھىم قەشقەرى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئەپەندى، قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە ئاتوم ‏ - يادرو قوراللارغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى "گرەئەن پاكە" نىڭ تۈركىيىدىكى مەسئۇلى كورول دىكېر ئەپەندى، "خىتايدا ۋە دۇنيادا ئاتوم سىناق قىلىش" دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچات دوكتور فەتھى ئەخمەت يۈكسەل ئەپەندى، " شەرقىي تۈركىستاندا مۇھىت مەسىلىسى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندا بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى بىلەن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.