دۇنيا رەھبەرلىرى باراك ئوبامانىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى

باراك ئوباما 44 ‏ - قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرى ئۇنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. تەبرىكنامىلاردا، ئوبامانىڭ غەلىبىسى يالغۇز ئامېرىكا خەلقىغە ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋن تەبرىكنامىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " بىزنىڭ ئوباما بىلەن قىممەت قاراش جەھەتتە كۆپلىگەن ئورتاقلىقىمىز بار، بىز دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بۇ پەيتتە، دۇنيا خەلقىنى ئادالەتتىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن تەڭ كۈرىشىمىز."

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا خەلقى ئامېرىكا كىملىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسەتتى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئىقتىسادىي كرىزىس بىلەن بېشى قېتىپ تۇرغان پەيتتە، ئامېرىكا سايلىمى فرانسىيىدە، ياۋروپادا، ياق، پۈتۈن دۇنيادا كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىد پەيدا قىلدى."

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل يۇقىرىقى ئىكى رەھبەرنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلاش بىلەن بىللە ئوبامانىڭ غەلىبىسىنى چىن يۈرىكىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىتالىيە تاش ئىشلار مىنىستىرى تەبرىكنامىسىدە، "ياۋروپا ئوبامانىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەيدۇ، ياۋروپا بۇندىن كېيىن، تېنچلىقتىن پايدىلانغۇچى ئەمەس، بەلكى تېنچلىقنى ياراتقۇچى يەنى بەرپا قىلغۇچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. باراك ئوبامانىڭ ياۋروپانى مانا بۇ يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،" دېدى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى تەبرىكنامىسىدە، ياپونىيە - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ ياپونىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد، خەلقئارا تېررور ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىلىرىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە پرېزىدېنتلىرى تەبرىكنامىسىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى دۇنيانى ئويلاندۇرىدۇ ۋە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

باراك ئوبامانى تەبرىكلىگەن دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىلا ئەمەس، دىپلوماتىيە جەھەتتىن سۈركىلىش ئىچىدىكى، ھەتتا رەقىپ دۆلەتلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى بىر قاتار خەلقئارا مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا، تاشقى سىياسىتىدە جۈملىدىن ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد تۇغۇلدى."

ئىراننىڭ دىنىي داھىسى ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ بىر ياردەمچىسى باراك ئوبامانى تەبرىكلەپ مۇنداق يازىدۇ: ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى سىياسەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى ئاساسلىق شۇئار قىلدى. ئوباما سايلامدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمىنى توختاتسا، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىشكە غەيرەت قىلسا، ئامېرىكا‏ - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش زېمىنى ھازىرلانغان بولىدۇ."

مىسىردىكى رادىكال سىياسىي گۇرۇپپىلاردىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى :" بىز باراك ئوباما ۋە ئامېرىكا خەلقىنى تەبرىكلەيمىز ھەم ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشىنى، ئافغانىستان ۋە سومالىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ ئەسكەرتىدۇ.

يۇقۇرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، كېنىيە، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئوبامانى تەبرىكلىدى. ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي تەبرىكنامىسىدە" ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئامېرىكىدا رەڭ ۋە ئىرقىي پەرقنىڭ مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنىڭ ئىلگىرى ياكى كېيىن پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى،" دېدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى تەبرىكنامىسىدە، ئوبامانىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇنيا تېنچلىقىدا ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، باراك ئوبامانىڭ پرېزىدېنت بولۇشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدسىز قاراۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بار. مانا بۇلاردىن بىرى ھىندىستان بولۇپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇنداق دەيدۇ: سىزنىڭ ئاقساراي سەپىرىڭىز، يالغۇز ئامېرىكا خەلقىغە ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە ئىلھام بولدى. ئەمما بىز ئۆتكەنكى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن سىزنىڭ دەۋرىڭىزدە تاشقى سىياسەتتە ئۆزگىرىش بولۇشىنى كۈتمەيمىز. چۈنكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ تاشقى سىياسىتىدە پەرق يوقلۇقىنى بىلىمىز.

خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ تەبرىكنامىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " مەن ھەر ۋاقىت ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ بىلىپ كەلدىم. مەن سىز سايلانغاندىن بۇيانقى يېڭى تارىخىي دەۋىردىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."