بېيجىڭ بىلەن دالاي لاما ئۆتكۈزگەن دىئالوگىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىشى قىيىنمۇ ؟
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى تىبەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى شەرھىلەيدىغان "دۇنيا تىبەت قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كەلگۈسى نىشاننى بەلگىلەش ئالدىدا تۇرماقتا " ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، دالاي لاما توكيودا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تۇتۇپ كەلگەن ئوتتۇرا يول سىياسىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تىبەتلەرگە ھېچقانداق بىر نەتىجە ئېلىپ كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بىر پەيتتە، دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى بېيجىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ ئورگىنىنىڭ خادىملىرى بىلەن 8 - قېتىملىق سۆھبىتىنى باشلىدى.
بۇ ئارىدا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى Khedroob Thondup مۇخبىرلارغا، بۇ قېتىم خىتاي تەرەپ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى 7 - قېتىملىق ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە بېرىلگەن ۋەدە بويىچە تىبەتلەر ھېچقانداق " بۇزغۇنچىلىق " ۋە ياكى " قالايمىقانچىلىق" سادىر قىلمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىل 8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇراسىمىغا تىبەتلەرنىڭ ھېچقانداق دەخلى - تەرۈز يەتكۈزمىگەنلىكى، بېيجىڭنىڭ بۇنىڭدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، Khedroob Thondup، شەخسەن ئۆزىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىن ياخشىلىق شەپىسى كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ" بېيجىڭنىڭ دالاينىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرىگە بىلدۈرگەن پوزىتسىيىسى پەقەتلا بىر ياسالمىلىقتىن ئىبارەت، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى مەسىلىنى ھەقىقى ھەل قىلىش نەتىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ" دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى": بۇ قېتىمقى دىئالوگ بېيجىڭغا نىسبەتەن بىر شەكىلۋازلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ پەقەت تاشقى دۇنياغا كۆرسىتىلىۋاتقان ئويۇن، بىراق دالاي لاما بىلەن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان دىئالوگنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قاراپ، باشتىن - ئاخىر جىددى مۇئامىلە تۇتۇپ كەلدى ۋە دىئالوگ نەتىجىسىگە ئۈمىد بىلەن قارىدى، شۇنىڭدەك خىتاي تەرەپكە نۇرغۇن جەھەتتە يول قويدى، ھازىر ئەمدى يەنە يول قويۇشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىدى".
Khedroob Thondup نىڭ ئاتىسى دالاي لامانىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئىلگىرى دالاي لاماغا ۋاكالىتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.
"بېيجىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولماسلىقى كېرەك"
مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Michael C. Davis يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " دالاي لاما ئالاھىدە ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كونكېرت نەتىجىسى، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان دۇنيا تىبەت قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ " دەپ بىلدۈرگەن.
داۋىس نىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، تىبەتلەرنى ھەرگىز ئادەتتىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى تارىختىن بېرى خىتاي - تىبەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۈرەككەپ بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا ئىلگىرى مەخسۇس كېلىشىملەر تۈزۈلگەن ئىكەن.
داۋىس سۆزىدە يەنە، "شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرى ئەگەر تىبەت مەسىلىسىدە تەرەققىياتقا ئىگە بولۇشنى خالىسا چوقۇم، تىبەتلەر ھەمدە تىبەت رايونىنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشىغا ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە: "مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە دارامسالادا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا تىبەت ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا 600 كىشى قاتنىشىدۇ ۋە مەزكۇر قۇرۇلتايدا تىبەتلەر ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر مەيدانغا چىقىدۇ " دەپ كۆرسەتكەن.
تىبەتلەرنىڭ ئۆز ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە سەبىر - تاقىتى
تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى داۋىس ئەپەندى": يېڭىدىن مەيدانغا كېلىدىغان سىياسىي ئىستراتېگىيە ھەرگىزمۇ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ " زوراۋانلىق " ئۇسۇللىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ " دەپ بىلدۈردى.
ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تىبەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتى جەريانىدا، تىبەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك " زوراۋانلىق " ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش پىلانلىرىنى تۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئارىدا Khedroob Thondup تىبەتلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا، تىبەتلەر كەلگۈسى ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئۈمىدلىك ۋە سەبىر تاقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ " تىبەتلەر نۆۋەتتە سەۋىرلىك بولۇشنى ئۆز قەلبىگە پۈتتى، چۈنكى خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 - 10 يىل ئىچىدە ناھايىتى چوڭ بىر ئۆزگىرىش ياسايدۇ" دېگەن.