5 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى تۈركىيىدە رەسمى باشلاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.10.16
2008.10.16
5 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim
بۇلاردىن بىرى تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىدۇر . بۇ قۇرۇلتاي ھەر يىلى بىر قېتىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىرىدە توپلىنىپ، تەنتەنىلىك ھالدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزمەكتە. بۇ يىلقى 5 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى تۈركىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قارابۈك شەھرىدە رەسمى باشلاندى.
بۇ قۇرۇلتايغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، ماكېدونىيەگە ئوخشاش 30 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 250 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل باشچىلىقىدا 3 ئۇيغۇر قاتناشماقتا.
بۇ قۇرۇلتايدا كۈندۈزلىرى ۋەكىللەر ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاخشاملىرى بولسا ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قارابۈك مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت باشلىقى كۆكسال توپتان، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مۇستافا يازىجىئوغلى، قارابۈك شەھرىنىڭ باشلىقى، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسەتچىلەر ۋە سەنئەتچىلەردىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
بىز بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.









