دۇنيا خەرىتىسى ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى

ياپونىيە تاكاراجىماشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خەرىتىگە قاراپ دۇنيانى چۈشەنگىلى بولىدۇ. دۇنيانىڭ خەرىتىسى ئۆزگىرەمدۇ؟» دېگەن سەرلەۋھىلىك كىتابتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان توقۇنۇشلار بايان قىلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.01.09
xeritige-qarap-dunya-kitab-305.jpg «خەرىتىگە قاراپ دۇنيانى چۈشەنگىلى بولىدۇ. دۇنيانىڭ خەرىتىسى ئۆزگىرەمدۇ؟» دېگەن كىتابنىڭ ئالدى ۋە كەينى مۇقاۋىسى. 2013-يىلى يانۋار.
RFA/Qutluq Haji

مەزكۇر كىتابنىڭ بىرىنچى بابى «ئاسىيانى مەركەز قىلغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى» دەپ ئاتالغان.كىتابتا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان. خىتايدىكى ئاپتونوم رايون قانۇنىنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنماسلىقى تۈپەيلىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ئۆزىنىڭ قىسمەن كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.

كىتابتا يەنە خىتاي تۇپراقلىرىنىڭ يېرىمى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇپرىقى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇندىن باشقا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىي ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بايانلار بېرىلگەن:
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولسا شەرقىي تۈركىستاندۇر. بۇ يەردىكى تۈركىستان دېگەنلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن جۇغراپىيىلىك ۋە قانداشلىق باغلىنىشنى بىلدۈرىدۇ. غەربىي تۈركىستان قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردۇر. شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون نامى بىلەن ئاتالدى. ئۇيغۇرلار تىبەت، موڭغۇللارغا ئوخشاش، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى يېنىۋاتقان كۈچلۈك بىر ئوت. بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇ مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتسە،خىتاي تۇپرىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يوقايدۇ-دېگەن گەپ. بۇ نۇقتىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ھەرىكەتلىرىنى قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە.»

كىتابتا تىبەتنىڭ ئەزەلدىنلا مۇستەقىل بۇددا دىنىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكى،1950-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تىبەتكە باستۇرۇپ كىرگەندىن بۇيان تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ، چەتئەلدە سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلاشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا كىتابتا يەنە «خىتايغا ھۆكۈمىتىگە قارشى مىللەتلەر جېڭى» دېگەن قىسىممۇ بار بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار، نوپۇس جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىشلەر ھەققىدە توختىلىنغان.

كىتابتا خىتايدىكى بەش ئاپتونوم رايوندىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئاپتور خىتايدىكى بەش ئاپتونوم رايوننىڭ مەسىلىسىنىڭ بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن، يەنى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان رايونلار ئىكەنلىكى، بۇ رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان زېمىن داۋاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

كىتابتا دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى ۋە تەۋرىنىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ خەرىتىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىنغان:
«كۆز ئالدىمىزدىكى خەرىتىگە قاراپ دۇنيانى چۈشىنىمىز، يەر شارى ئايلىنىپ تۇرغاندەك دۇنيا خەرىتىسىمۇ دائىم ئايلىنىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر قايتىدىن بارلىققا كېلىپ، تارىختىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى خەرىتىدىن تېپىپ، دۇنيا خەرىتىسىنى ئۆزگەرتكەندەك، يېقىن كەلگۈسىدىمۇ خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تىبەت ۋە موڭغۇللار يەنە قايتىدىن دۇنيا خەرىتىسىگە ئۆز نامى بىلەن يېزىلىپ، دۇنيا خەرىتىسىگە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگۈسى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.