د ئۇ ق نىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى رەسمىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا كىردى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى جۈمە كۈندىن باشلاپ، رەسمىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا كىردى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى، يەنى 2009 - يىلى 21 - ماي، ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

شۇ كۆنى ۋەكىللەر خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسەتكەندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئېچىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى يىغىن زالىغا قايتىپ كېلىپ يىغىننى داۋاملاشتۇرغان.

بۈگۈن، يەنى 2009 - يىلى 22 - ماي، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ خېرىندون ناھىيىسىدىكى بىر مېھمانخانىدا توپلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىدا چاقىرىلغان تۇنجى زور كۆلەملىك يىغىلىشلارنىڭ بىرىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پەيشەنبە كۈنى قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرىمىزغا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا "شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك نىگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقى ۋە ۋەكىللەرنىڭ پىكىرى ئېلىنىدىغانلىقى،" نى بىلدۈردى.

James-McGovern-Qurultay-Duq3-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺟﻪﻳﻤﯩﺲ ﻣﯧﻜﮕﺎﯞﺭﯨﻦ ﺩ ﺋﯘ ﻕ 3 - ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. (RFA Photo)

د ئۇ ق ۋەكىللىرى 2009 - يىلى 21 - ماي چۈشتىن كېيىن، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.