دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاۋسترالىيىدىكى بىر تۈركۈم دۆلەت ئەربابلىرىغا مىننەتدارلىق زىياپىتى بەردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن يەنى 30 ‏-ئاپرىل كۈنى، ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى بىر زىياپەت زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاۋستىرالىيىلىك بىر تۈركۈم دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.


زىياپەتكە، بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلار، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ، جەمئىي 21 كىشى قېتىلغان. زىياپەت داۋامىدىكى سۆھبەتتە، شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە پىكىر-مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ھۈسەن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org