ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى گېرمانىيىدە باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى 2008 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى خولىدەي ئىن مېھمانخانىسىدا تەنتەنىلىك باشلاندى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى

كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا كانادا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، گېرمانىيە ، فرانسىيە، نورۋېگىيە، تۈركىيە، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 13 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنى بۇيىچە مۇتەخەسسىسلەر، تونۇلغان سىياسىيونلار ۋە شۇنىڭدەك گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى، گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق رادىئو تېلېۋىزىيە، ۋە گېزىت - ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى،بۇ كۇرسنى تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كۇرسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۇرسىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، بۇ كۇرسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسىنى تەشكىللەشكە ياردەم قىلغان ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگانلىرى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە شەخسلەرنىڭ ياردىمىگە، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن قىتئە ئاتلاپ كەلگەن كۇرسانتلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر قايسى ئورۇنلارغا رەھمەت

مېھمانلار يىغىندا
يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش.

ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم كۇرسىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

"خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشى خاتا"

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىم ئەپەندى، باۋارىيە پارلامېنت يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى دىرك پفلەئىدەر ئەپەندى قاتارلىقلار سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك ئىنسانىي ھەق، ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى تەرىزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ رابىيە قادىر خانىم چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋە قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كېلىپ سۆزگە چىققان نوئوكە ئەپەندىم سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسىداشلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پاجىئەلىك تراگېدىيە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، شۇ جايلاردىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، گۈەنتانامودىكى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، گېرمانىيىدە بۇ جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دىئالوگلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەكلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا 21 رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى

2 ‏ - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئىپا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ز د ف، سات بىر، ببر ئىنفو، ۋ د ر، گېرمانىيە دولقۇنلىرى، كۈندىلىك گېزىت، د پ ر، ئەپد قاتارلىق 21 رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن سىرت يەنە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى،گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسىيونلاردىن بولۇپ 60 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلار سورىغان سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى. بولۇپمۇ رابىيە قادىر خانىم، 1949 ‏ - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان جەرياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن بولغان مەدەنىيەت،مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ ‏ - ئادەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ، ئالىي مائارىپتىن تارتىپ بالىلار يەسلىسىگىچە بولغان مائارىپ تەربىيىسىدە ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىشتىن قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ تۈركۈملەپ ياشلىرىمىزنى خىتاينىڭ ئىچكى شەھەرلىرىگە `شىنجاڭ مەكتىپى` دېگەندەك ناملار بىلەن يۆتكەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن نامدا قىزلىرىمىزنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەپ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش، تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ چىقىپ كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاۋاتقانلىقى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر دىكتاتۇرا دۆلەتنىڭ تىنچلىق، باراۋەرلىك، دوستلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى بايقۇت قىلماي، سۈكۈتتە تۇرۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئېلىپ بارغان بايانلىرى يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلار ۋە بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

بۇ خەۋەر شۇ كۈنى كۆپ ساندا رادىئو ‏ - تېلىۋىزىيەلەردە ئېلان قىلىندى. بۈگۈن يەنى 22 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىدىكى 13 گېزىتتە بۇ خەۋەرگە يەر بېرىلدى. ئىككى كۈندىن بېرى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى بۇيىچە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس، سىياسىيونلار تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر كۇرسانتلارغا ھەر خىل تېمىلاردا لېكسىيە بېرىلمەكتە. بۇ لېكسىيە ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۇرسانتلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

بىرىنچى قېتىملىق كۇرس 2007 ‏ - يىلى 6 ‏ - مايدىن 11 ‏ - مايغىچە گوللاندىيىنىڭ دېھن ھائاگ شەھىرى ۋە بېلگىيىنىڭ پايتەختى بېريۇسسىلدا ئۆتكۈزۈلۈپ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى.