2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، خىتاينىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇمىغا قارشى غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرخانىدا داۋالانغاندىن كېيىن 13 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى دوختۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن دوختۇرخانىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ تېخىچە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمىگەن شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قانچە ئاي ئۆيىدە يېتىپ داۋالىنىدىكەن.
2008 - يىلى 16 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئوغلانى مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىدىن ھال سوراش ۋە ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نامىدا شەرەپ تاختىسى بىلەن تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇنداقلا قەيسەرى شەھرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياقۇپجان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان جاسارىتىنى تەبرىكلىدى شۇنداقلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەييارلانغان " مىللىتىگە كۆرسەتكەن پىداكارلىقى " شەرەپ تاختىسىنى تەقدىم قىلدى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەت سۆيەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان جەمئىي 10500 ( ئون مىڭ بەش يۈز) ئامېرىكا دوللىرى پۇلنى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلدى.
مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ئابلىكىمخان مەخسۇم مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزدە يەنە " مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇملىرىغا قارشى غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئۆت قويغانلىقىنى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون خىتايغا قارشى تۇرۇشتا 30 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ بوشاشمىغانلىقىنى ئىپادىلەش، دەپ باھا بەردى. ئابلىكىمخان مەخسۇم مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
بىز مۇراسىم ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.