د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، "مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، مۇقىملىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.09.17
Nur-Bekri-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﻯ.
Screen shot from www.xinjiang.gov.cn

 نۇر بەكرى يەنە، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ۋە رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بولۇپمۇ نۇر بەكرىنىڭ ، رافتو تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دۇنيا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى بولغان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ھەمدە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان شۇنىڭدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن رابىيە خانىمغا قاراتقان سەلبىي سۆز ۋە ھاقارەتلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.