0:00 / 0:00
بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسەت نىشانى، خىتايغا ئوخشاش بىر دىكتاتور دۆلەتنىڭ دوستلۇق ، تېنچلىق ، باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تۈردە نامايەن قىلىش ، ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەزكۈر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىش چاقىرىقى ئېلىپ باردى ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق بىر تەييارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلىتىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە مەزكۈر سۆھبەت توغرىسىدىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.
