قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇراجىتى ھەققىدە توختالدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ ئەھمىيىتى ھەمدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.