د ئۇ ق رەھبەرلىرى تالىندا چاقىرىلغان ئىككى يىغىنغا قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، ئېستونىيە پايتەختى تاللىن شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان "بالتىق دۆلەتلىرى ۋە تىبەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن كۆچمەن كۆچۈرۈش مەسىلىسى" تېمىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى" قاتارلىق ئىككى يىغىن بولۇپ ئۆتكەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن، بۇ يىغىنلارغا د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر قاتناشقان.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى چوڭ مەسىلە ئۈستىدە، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىق مەسىلىسى توغرىسىدا ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەركى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغان ھەم قارارلار ئېلىنغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر يىغىندا پىكىر بايان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، يىغىن مەيدانىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن بىۋاستە ئالغان مەلۇماتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.