د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىدا

ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شىتابىدا رەسمى باشلانغان.

0:00 / 0:00

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ب د ت رەھبەرلىرى، خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كۆپ ساندا كۆزەتكۈچىلەر قاتناشقان. بۇ يىغىنغا يەنە ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن د ئۇ ق نىڭ ئۈچ نەپەر ۋەكىلى ئىشتىراك قىلغان.

ئۇلار 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى " خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش مەخسۇس يىغىنى"دا سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قېيىن ‏- قىستاقلارغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن زالىدا كۈچلۈك ھاياجان قوزغىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، جەنۋەدىكى بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلىپ، يىغىن ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.