د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياپونىيىدە خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008.10.20
2008.10.20
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ` ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ .
Photo: RFA
10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چاقىرىلغان `ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش` يىغىنىغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تىبەت، موڭغۇل، دېموكرات خىتاي ۋە تەيۋەنلىك ۋەكىللەرمۇ قاتناشقان.
بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا يەنە ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ياپون پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. يىغىندا تىبەت موڭغۇل ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىدىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
كېيىن 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشتا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.
بىز بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قۇتلۇق قادىر بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.









