تۈرك ئوجاقلىرى ئەسكىشەھەر شۆبىسى، ئەسكىشەھەر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەم بېرىشى ھەم ئافغانىستانلىق ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەسكىشەھەر شەھىرىنىڭ يۈنۈس ئەمرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئەسكىشەھەر ۋالىيسى قادىر كوچدېمىر، ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور دوكتور ھەسەن گۈنەن، تۈرك ئوجاقلىرى باش كاتىپى پروفېسسور ئورخان كاۋۇنجى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيە ئانالىزلىرى مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا بۆلۈم باشلىقى فازىل ئەخمەت ئەپەندى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم ئىستىقلال مارشى ئوقۇش ۋە شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئافغانىستان ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھايات-ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

ھەر ساھەدە 30 غا يېقىن ئەسەر يازغان ئەلىشىر ناۋايى تۈرك تىلغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ياد ئېتىلىدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدە تۈرك تىلىنى فارس تىلىغا قارشى ھالدا ئەدەبىي تىل بولۇشقا يېتەرلىك ئەمەس دېگەن ئۇقۇمنى تەنقىد قىلغان ۋە تۈرك تىلىنىڭ فارس تىلىدىن ئارتۇق تىل ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي شېئىر ۋە ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان. ناۋايى ئۆز دەۋردىكى تۈركىي يازغۇچى ئەدىبلەرنىڭ فارس تىلىدا شېئىر ۋە ئەسەر يېزىشىغا خاتىمە بېرىپ تۈرك تىلىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە ئومۇملاشتۇرغان ئىدى.
مۇراسىمدا ئەسكىشەھەر ۋالىيسى قادىر كوچدېمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ چوڭ بىر مەدەنىيەت مىراسلارنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ مىراسلاردىن ئەڭ قىممەتلىك يادىكارلىقلاردىن بىرىنىڭ ئەلىشىر ناۋايى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ۋالىي قادىر كوچدېمىر سۆزىدە يەنە تۈركىي سىستېمىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشتە ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«بىزنى ئۆز-ئارا قايتىدىن ئۇچراشتۇرغان، بىزگە بىر-بىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرغان، بىزنى بىر-بىرىمىزدىن خەۋەردار قىلغان، ئەلىشىر ناۋايىغا ئوخشاش ئۇستازلاردۇر. بۇ مىراسنىڭ ئىگىسى بولۇشنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ئەڭ مۇھىم بۇرچى بۇ مىراسنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، تېخىمۇ ئۇلۇغلاش بۇ بايراقنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش».
ئەسكىشەھەر غازى ئوسمان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور ھەسەن گۈنەن ئەپەندى، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ بۈيۈك بىر دۆلەت ئەربابى، ئەدىب ۋە شائىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«ئەلىشىر ناۋايى بىزگە تۈرك تىلىنى 15-ئەسىردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش بۇرچىمىز بولغان بىر شائىرىمىزدۇر. ئەلىشىر ناۋايى دۆلەت ئەربابى، سەنئەتچى بولۇپلا قالماستىن بەلكى تۈرك تىلىنى خىتاينىڭ چېگرالىرىدىن ئىراقنىڭ ئەربىلغىچە بولغان جۇغراپىيىلىك بوشلۇققا كەڭ تارقاتقان، ئومۇمىيىلاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، جاسارەتلىك بۈيۈك بىر تىلشۇناس ئالىمىمىزدۇر».
مۇراسىم ئاخىرىدا بۇ مۇراسىمغا ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەسسە قوشقان كىشىلەرگە تەقدىرنامە بېرىلدى. تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەسكىشەھەر ۋالىيسى دوكتور قادىر كوچدېمىر ئەپەندىگە ئۆزبېكلەرنىڭ مىللىي كىيىمى بولغان تون كىيدۈرۈلدى ۋە شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى.
بىز ئەلىشىر ناۋايى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتچى نۇرگۈلخانىمنىڭ پىكىر-قاراشلىرىغا دىققەت بېرەيلى.
