خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىدىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى
2012.12.17

ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا بۇ تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىنماسلىقى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا نارازىلىقنى كۈچەيتتى. يېقىندىن بۇيان خىتاي تور بېكەتلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، شى جىنپىڭ قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىرىدىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.
يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھەم خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغان شى جىنپىڭ قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇھىدىن، خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ماقالىلەر كۆپەيدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە فرانسىيىدە چىقىدىغان «خەلقئارا خەۋەرلەر مۇنبىرى» ناملىق گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان، خىتايدىكى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» تۈزۈمى، يېقىندىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىنمۇ ئاشكارا تەنقىدلىنىپ، بۇ خىل تۈزۈمنى بىكار قىلىش تەلىپى ئىپادىلەنگەن ماقالىلەر خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۈچەيگەن.
خىتايدا 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» قانۇنىغا ئاساسەن، ساقچى دائىرىلىرى، سوت تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىلمىغان، شۇنىڭدەك يېنىك دەرىجىدە جىنايەت سادىر قىلغان كىشىلەرنى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 4 يىلغا قەدەر قاماپ قويالايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچى زىيالىيلار ۋە ئەرزدارلارنىڭ «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا ياكى خەلق تەرىپىدىن «قارا تۈرمە» دەپ ئاتالغان قاماقخانىلاردا سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، خىتايدا دەپسەندە بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
«خەلقئارا خەۋەرلەر مۇنبىرى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىغا قامالغان ئادەملەر سانى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىكىدىن جىق بولۇپ، بۇ يەرگە قامالغان ئادەملەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىلدە 190 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ماقالىدە يەنە بېيجىڭ تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىڭدۇنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«ھازىر خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغان زامان يېتىپ كەلدى.خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش.كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىش. بۇ تۈزۈم جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىگە(ئوبرازىغا)قارا سۈركىمەكتە.» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاي قانۇن-ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى ئىسلاھات» نامىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ،ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ18-قۇرۇلتىيىدا بۇ تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىنماسلىقى بۇ تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا نارازىلىقنى بارغانچە كۈچەيتتى.
خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن «سىننا»، «سوخۇ» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك گۇرۇھىدىن خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىنكاسلار ۋە تەنقىدىي ماقالىلەر كۆپەيدى. «سىننا» تور بېكىتىدە «خىتاي مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىنىڭ چاقىرىقى» نامىدا بىر پارچە خەت ئېلان قىلىنغان. بۇ خەت كېيىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى بولغان «خەلق گېزىتى» گىمۇ كۆچۈرۈپ بېسىلدى. مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان ئوچۇق خەتتە «ئەينى چاغدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا، 1950-يىلدىن باشلاپ خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدوڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئەينى چاغدا سىنىپىي دۈشمەنلەر ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلار نامىدىكى پۇقرالارغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنتىقام ئېلىش قورالى ۋە بايلىق توپلايدىغان ئالتۇن كانىغا ئايلاندى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن ئېلىنغان بايلىقنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرمەكتە» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىدە،گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە سولىنىشى، مەھبۇسلارنىڭ قاتتىق قېيىن -قىستاققا ئېلىنىشى ۋە مەھبۇسلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكىدىكى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى» نىڭ مەسئۇلى ۋۇ خوڭدا ئەپەندى يېقىندا «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى» نىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە،خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نەزىرىدە جىنايەتچى دەپ قارالغان كىشىلەر، مەسىلەن يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ئەرزدارلار ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ، سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى نامىدىكى جازا لاگېرىغا قاماپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ تۈرمە سىستېمىسى ھەققىدە توختالغان ۋۇ خوڭدا ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تۈزۈمنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋۇ خوڭدا ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ساقلاپ قېلىشىدىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ بىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن زور ئىقتىسادىي كىرىم قىلغاندىن باشقا، بۇ تۈزۈمنى كىشىلەرنى قورقۇتۇشتىكى قورال قىلىۋالغانلىقى سەۋەب بولماقتا» دېگەن.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى» نى ئىسلاھ قىلىش تەلەپلىرىگە دىققەت قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر ماقالىدە بۇ ھەقتە «خىتاينىڭ يېڭى رەھبىرى شى جىنپىڭ گەرچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما قانۇن ساھەسىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى قوللىغۇچىلار شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى نۇتقىدىن ئىلھام ئالدى» دەپ بايان قىلىنغان.