ئەمگەكنى سۆيۈش ئالىجاناپلىقتۇر
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.11.06
2008.11.06
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﺷﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo
قۇرئان كەرىمدە:" ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇللا ھاجىم ئەمگەكنىڭ شەرىپىنى بايان قىلىپ مۇنداق مۇنداق دېدى: " لوقمان ھەكىم بالىسىغا مۇنداق دەپ نەسىھەت قىلغان ئىكەن: ئى بالام! ھالال كەسىپ ئارقىلىق يوقسۇللۇقتىن ساقلان، چۈنكى قانداقلا بىر ئادەم يوقسۇل بولىدىكەن، ئۇ ئادەم مۇنۇ ئۈچ خىل ئىشقا مۇپتىلا بولىدۇ: بىرى، دىندا تۇراقسىزلىق، چۈنكى كەمبەغەللىك دىيانەت جەھەتتە سۇسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچىسى، ئەقلىي ئاجىزلىق، چۈنكى يوقسۇل ئادەمدە غەم تولا بولىدۇ، غەم تولا بولسا ئۇنىڭ ئەقلىنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ- دە، تەپەككۇرى ئۈزۈلىدۇ. ئۈچىنچىسى،ئادەمگەرچىلىكنىڭ كېمىيىشى بولۇپ، ئادەمگەرچىلىك يوق ئادەمدە دىيانەت بولمايدۇ. مۇسۇلمانچىلىق قائىدىسىدە تېنى دۇرۇس، ساغلام، ئىش - ھەرىكەت قىلالايدىغان ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە تايىنىپ جان بېقىش كويىغا كىرىۋېلىشى ھارام دەپ قارىلىدۇ."ئەمگەك ئىنساننىڭ شەرىپىدۇر
ئابدۇللا ھاجىم ئەمگەك ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى:" زېمىندىكى مەۋجۇتلۇق ئىنسان ئارقىلىق مۇكەممەللىشىدۇ، ئىنسان زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىلمىي ھېكمەتلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە قادىر بىر مەۋجۇداتتۇر. شۇڭا ئاللاھ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلىپ ياراتقان ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار ئاتا قىلغان. قۇرئان كەرىمدىكى 70 تىن كۆپ ئايەتتە ئەمەل بىلەن ئىماننى بىرگە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا، ئىشلەشكە، ئەمگەك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەرەب تىلىدىكى "ئەمەل" سۆزى ئىشلەش، ئەمگەك قىلىش، ئەمەل قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە كەلگەن "ئەمەل" سۆزى كەڭ مەنىدىكى بىر سۆز بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن روھىي ھاياتلىق ۋە ماددىي ھاياتلىق ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمان ئادەم ياخشى نىيىتى سايىسىدا پۈتۈن ئىشلىرىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىرىنىمۇ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزەلەيدۇ. بىر ھەدىستە:" ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇپ ساۋابقا لايىق بولىشى نىيەتلەرگە باغلىقتۇر" دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر ئادەم ئىبادەت دەپ بەلگىلەنمىگەن، ئەمما ھاياتلىققا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلغاندا، مەن مۇشۇ ئىشىم ئارقىلىق تۇرمۇشۇمنى قامداپ، ئاللاھنى رازى قىلىشقا شارائىت يارىتىمەن، دېگەن نىيەتتە بولسا، قىلغان ئىشى گەرچە ئىبادەت بولمىسىمۇ شۇ ياخشى نىيىتى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت ھېسابلىنىپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ھەتتا شۇنداق نىيەت بىلەن يېگەن تائاملىرىغىمۇ ئەجىر - ساۋاب ئاتا قىلىنىدۇ."رىزىق ئىشلىمەستىن قولغا كەلمەيدۇ
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بىر كۈنى بىر توپ كىشىلەرنىڭ مەسچىد تۈۋرۈكىگە يۆلىنىپ دۈگدىيىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن "سىلەر نېمە قىلىدىغان ئادەملەرسىلەر؟" دەپ سورىغاندا، ئۇلار" بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن.ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا :" سىلەر تەۋەككۈلچىلار ئەمەس، بەلكى تەييارتاپلارسىلەر، ئىشلىمەستىن، ئاللاھ ماڭا رىزىق بەرگىن دەپ ئولتۇرۇشۇڭلار توغرا ئەمەس" دەپ كايىپ، ئۇلارنى مەسچىتتىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن.









