ئەرەب باھارى دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلار
2012.10.12
ئۆتكەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى ئەرەب خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىتلىرىگە قارشى قوزغىلىپ چىقىپ، كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەرەب باھارى ھەممە دۆلەتتە تولۇق مېۋىسىنى بېرەلمىگەن بولسىمۇ، بىر چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىدە شەك يوق.
سۈرىيە كرىزىسى ھەل بولماي تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئەرەب باھارىنىڭ ئىلگىرىلىشى پەسىيىپ قالغاندەك ياكى توختاپ قالغاندەك تۇيۇلماقتا. ئەرەب تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ماۋزۇدا ئەرەب دۇنياسىدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ ھەر خىل تەھلىللىرى ۋە سىياسىيلارنىڭ ئىنكاسلىرى تۇرماستىن ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ11 - ئۆكتەبىر سانىدا،«ئەرەب باھارى دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ھازىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك مۇشكىلاتلار ۋە مۇندىن ئىلگىرى ئۇچراپ باقمىغان كرىزىسلارغا دۇچار بولماقتا. كۆپ كىشىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرەب باھارىدىن كۆرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرەب دۇنياسىدا چوڭ بىر چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك دەۋر سۈرمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرەب باھارىدىن كۈتكەن ئۈمىدنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ۋە ئەرەب باھارىنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قالغانلىقى بولسا كېرەك. يەنە بەزىلەر ئەرەب باھارى غەلىبە قىلغان دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بېشىغا ئىسلامچىلارنىڭ چىقىۋالغانلىقى ئەرەب باھارىغا ئۈمىد باغلىغانلارنى ھەسرەتتە قالدۇردى دېيىشىدۇ. بۇ ئوپئوچۇق كۆرەلمەسلىك ياكى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقتۇر. چۈنكى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئىسلامچىلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ سايلىشى ۋە ئىختىيارى بىلەن چىقتى. ئۇلار ئۆزلىكىدىن چىقىۋالغىنى يوق. بۇنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ ھەمدە ئىسلامچىلار دېيىش بىلەن كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئەقلىگە قاتمال ۋە رادىكال دىنچىلار كېلىدۇ. ئەمما ھەقىقەت ئۇنداق ئەمەس. ئىسلام ئەللىرىدە سايلام بىلەن ھاكىمىيەتكە چىققان مۇسۇلمانلار ئەڭ مەدەنىي، ئەڭ دېموكراتچى كىشىلەردۇر. ئەرەب باھارى غەلىبە قىلغان دۆلەتلەردىكى مۇشكۈل مەسىلە ھاكىمىيەتكە چىققانلارنىڭ باشقا ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىغۋاگەرلىكى ۋە پىلانلىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىشىدۇر.»
ئەرەب باھارى غەربنىڭ پىلانى ئەمەس
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«بەزىلەر ئەرەب باھارىنى غەرب دۇنياسى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پىلانلاپ چىقارغان. شۇڭا ئەرەب باھارى ئەرەبلەرنىڭ خاھىشى ئەمەس، بەلكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان دەپ جۆيلۈيدۇ. بۇنداق باھالاش ھەرگىزمۇ ئادىللىق ئەمەس. ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى قوزغىلىش بىر قانچە ئون يىلدىن بىرى بىرىكىپ قالغان قاتمۇقات كرىزىسلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. مىسىر، تۇنىس، يەمەن، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ زالىم ھاكىممۇتلەقلىرىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن: مىسىردا مۇندىن ئون يىللار ئىلگىرى قوزغالغان«6 - ئاپرىل ياشلار ھەرىكىتى»،«ئۆزگەرتكۈچىلەر ھەرىكىتى»، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە يەمەندىكى ھەرىكەتلەر گەرچە ئۆز زامانىسىدا غەلىبە قىلالمىغان بولسىمۇ، خەلقنى ئويغىتىپ كەلگەن ئىدى. دېمەك، ئەرەب باھارى بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا ئاسماندىن چۈشۈپ قالغىنى يوق ياكى ياۋروپالىقلار ئەكىلىپ بەرگەن ھەرىكەت ئەمەس. بەلكى خەلقنىڭ كۆڭلىدىن چىققان ھەرىكەتتۇر.»
ئەرەب باھارىنىڭ پايدىسى زور بولدى
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى11 - ئۆكتەبىر سانىدا، ئابدۇراھمان راشىد ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئەرەب باھارى ئەرەبلەرگە كۆپ تەرەپلىمە ئىجابىيلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن: ئەرەبلەر ئۆزلىرىدىن چىققان ھاكىممۇتلەقلەرنىڭ قەھرى ئاستىدا نەچچە ئون يىل ئۈن چىقىرالماستىن ياشىغانلىقى سەۋەبلىك ھەقىقىي دېموكراتىيىگە ئېرىشىش، قەد كۆتىرىش، خەلقنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈش پۇرسەتلىرىنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەيدىغان دەرىجىدە روھىي چۈشكۈنلۈكتە ئىدى. ئۇلار ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق ئۆتىدىغان بولدۇق، تەقدىرىمىز مۇشۇ ئىكەن، دەيدىغان قانائەتكە كېلىپ قالغان ئىدى. ئەرەب باھارى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئۈمىد بېغىشلىغان بولدى.»