ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى

2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بەھرەين دۆلىتىنىڭ پايتەختى مەنامە شەھىرىدە «ئەرەب قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى» نىڭ 33 - نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00


قۇرۇلتايغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى ئەمىر سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بەھرەين دۆلىتىنىڭ ئەمىرى پادىشاھ ھەمد ئىبنى ئىسا سۆزلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان:«ئوكاز»گېزىتىنىڭ2012 - يىلى12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى سانىدا، «ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىتتىپاققا ئۆزگىرىش ھارپىسىدا» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى 30 يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز - ئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن ھەمكارلىشىش جەھەتلەردە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ تەكلىپى بىلەن كېڭەشنى ئىتتىپاققا ئۆزگەرتىش قارارى ئېلىنغان بولۇپ، ئىتتىپاقنىڭ بىر يۈرۈش قانۇن - تۈزۈملىرى ۋە لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ھازىر مەنامە شەھىرىدە چاقىرىلغان 33 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي دەل بۇ مەسىلىنى ئاخىرىغا چىقىرىش ۋە ئىتتىپاقنى قۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىلغان بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەر خىل كىرىزىسلەر ئىتتىپاقنىڭ تىزرەك تەسىس قىلىنىشىنى تەقەزا قىلماقتا. شۇڭا نۆۋەتتىكى قۇرۇلتاينىڭ ھەر تەرەپتىن ئەھمىيىتى چوڭ بولماقتا.»

«ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»نىڭ تارىخى ۋە دائىرىسى

«ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى» 1981 - يىلى25 - ماي كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان رايون خاراكتېرلىك چوڭ تەشكىلات بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سابىق ئەمىرى زايىد ئىبنى سۇلتاننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەيدانغا كەلگەن.

«ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى»گە ئەزا دۆلەتلەر سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، كۇۋېيت، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۇمان قاتارلىق 6 بولۇپ، يەمەن، ئىراق ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇش ئۈچۈن يىللاردىن بىرى نامزات بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. كېڭەشنىڭ ھازىرقى باش كاتىبى ئابدۇلېتىپ ئىبنى راشىد دېگەن كىشىدۇر»