گېرمانىيىدە ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ مۈنخېن شەھىرىدىكى لىمان رېستورانتتا سىياسىيۇن ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى قۇتلۇقلاندى. بۇ قۇتلۇقلاش تويىغا، دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مۈنخېنغا 14 دۆلەتتىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بۇلارنىڭ ئىچىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پېشقەدەم زىيالى رىزا سەمەدى، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىمۇ بار ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىننىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ توينى دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەرجان ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تويدا ئەنۋەرجان ئەپەندى ئەركىن ئالپتېكىنگە ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئالپتېكىنگە تون كېيدۈردى ۋە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

كېيىن ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئەركىن ئالپتېكىنگە تون كېيدۈردى ۋە ھەر خىل سوغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ھەممە بىردەك ئەركىن ئالپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.