ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلاشتىن بۇرۇن ۋە باشلىغاندىن كېيىن چەتئەلدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. ئولىمپىك ئاخىرلىشىش ئالدىدا، ئۈرۈمچىدە 3 دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا 3 خىل كۈچكە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش قارار قىلىنغان.
ئولىمپىك جەريانىدا قەشقەر كۇچا قاتارلىق جايلاردا ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، خىتايلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلار؟ بەزى ئۇيغۇرلار ، ئۆيگە مېھمان كەلگەندە خاپا قىلغان بالىنى مېھمان بار ۋاقتىدا ئۇرماي، مېھمانلار كەتكەندىن كېيىن ئۇرغاندەك، ئولىمپىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
راستىنلا خىتايلار ئۇيغۇرلارنى جازالامدۇ؟ ياكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك، ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە يول ئاچار مۇ؟
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.