ئەركىنلىك سارىيى: «ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئارا زىددىيەت كۈنسايىن كۈچەيمەكتە»

بۈگۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، 2012-يىلى ئىچىدە دۇنيادا دېموكراتىيىنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.16
Sarah-cook-sara-kuk-305.jpg ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم.
freedomhouse.org

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلار، غايىب بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھېلىھەم بىر سىر پېتى تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دۇنيادىكى 195 دۆلەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئاساسەن بېرىلگەن نومۇر بويىچە دەرىجىگە تىزىپ چىقىلغان. بۇ نومۇر بويىچە دۇنيادىكى 195 دۆلەتنىڭ 90 ئى ئەركىن دۆلەتلەر تىزىملىكىگە، 58 ئى قىسمەن ئەركىن دۆلەت، 47 سى بولسا ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. خىتاي بۇ تىزىملىكتە ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. خىتاي سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەر ئىككى جەھەتتىن ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن يەنى تىزىملىكنىڭ ناھايىتى ئارقا ئورۇنلىرىدىن يەر ئالغان. ھەتتا ئىلگىرىكى يىللاردا خىتايغا ئوخشاشلا ئەركىنلىك يوق دەپ ھېسابلىنىدىغان بېرمىمۇ 2012-يىلى ئىچىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىياسىي ئىسلاھات قەدەملىرى نەتىجىسىدە ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، يۇقىرىدىكى ئىككى جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

يەنى خىتاي، بېلارۇس، چاد، كۇبا ۋە ئۇنىڭدىن قالسا ئەڭ ناچار دەپ باھالانغان شىمالىي كورىيە، سومالى، سۇدان، سۈرىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىن يەر ئالغان.

دوكلاتتا قېرىنداش تۈركىي مىللەت دۆلەتلىرىدىن قازاقىستانمۇ ئەركىنلىك يوق دۆلەت دەپ تىزىملانغان. قازاقىستاندا ئۆتكەن يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قازاقىستاندىكى نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ نامايىشىنى باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قامال قىلغان ئىدى. ئەركىنلىك سارىيى بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن قازاقىستاننىڭ نومۇرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا چېكىنگەنلىكىنى قەيت قىلغان. قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قىسمەن ئەركىن دۆلەت دەپ باھالانغان.

ئەركىنلىك سارىيى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغىمۇ ئىنتايىن پىششىق ئورگانلارنىڭ بىرى. بۈگۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە رايونلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 2012-يىلىدىكى ۋەزىيىتىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

سارا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قانچە قېتىم بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسىي نىشانى ئۇيغۇرلار بولغان. 2009-يىلىدىن بېرى رايوندا كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەرىكەتلىرى 2012-يىلىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلغان. سارا خانىم سۆزىدە يەنە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي رەسمىي دائىرىلىرى بەزى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىن كېيىن رايوندا زادى نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، قانچىلىك كىشىنىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقى ھەققىدە تېخىچە بىر مۇستەقىل مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

سارا خانىم 2012-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھەممىدىن بەك دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم ۋە چەكلىمىدىكى ئارتىشنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدەك خۇسۇسىي دائىرىلىرىگىچە بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە شۇنىڭدەك باشقا دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرۈشىنى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنى چەكلىدى» دېدى. ئۇ بۇنىڭغا كورلىدىكى دىنىي كۇرسقا بارغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، خىتاي ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئۆلۈپ قالغان 11 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ ۋەقەسىنى مىسالغا ئالدى. يەنە، 2012-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇشىغا، ئەرلەرنىڭ بۇرۇت قويۇشىغا، رامزان مەزگىلىدە روزى تۇتۇشىغا چەكلىمە قويۇش ئەھۋاللىرىنىڭ داۋاملىق سادىر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سارا كۇك خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر رايونىغا ئولتۇراقلاشقان خەلقنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، «يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئارا زىددىيەت ۋە جىددىيچىلىكنىڭ ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە كىشىلىك ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ناچارلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار خىتايلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەڭ ئاساسى سىياسىي ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقانلىقى »نى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.