ئەركىنلىك سارىيى: «ئەرەب باھارى» خىتاي قاتارلىق ئىستىبدات دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2012‏- يىللىق دوكلاتى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا دۇنيادىكى يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ 2011‏- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلىپ، «ئەرەب باھارى» نىڭ دۇنيا دېموكراتىيىسىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقى، خىتاي قاتارلىق ئىستىبدات دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.01.19
tunis-namayish-305.jpg تۇنىستا نامايىشچىلار لىۋىيە كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 21-فېۋرال.
AFP

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئورگان 1945‏-يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلتنىڭ خانىم ئېلىنۇر روزۋېلتنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر ئورگان 1972‏-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە.

ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2012-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، 2011‏-يىلى خىتاي قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەردە پىكىر قىلىش، ئاخبارات، ئىنتېرنېت ۋە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش قاتارلىق سىياسىي ئەركىنلىك ۋە پۇقرالار ھۆرلۈكى جەھەتلەردىكى ۋەزىيەت ئارقىغا چېكىنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر يىلدا يەنە دېموكراتىيىگە بولغان ئۈمىدنىڭ كۈچەيگەنلىكى، ئەرەب باھارى ئىنقىلابى ئىستىبدات دۆلەتلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ، دۇنيادا دېموكراتىيىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا، 2011‏-يىلى ئەرەب باھارى ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى ھاكىمىيەتلەرنى تەۋرىتىپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، دۇنيادىكى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ چۈشكەندىن بۇيانقى ئەڭ زور رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ پرېزىدېنتى دەيۋىد كرېمىر ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيادىكى ئۆزگىرىشىنىڭ ھەممىسىنى ئىجابىي دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۆزگىرىش كېلەچەككە ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «تەقرىر مەيدانى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت پۈتكۈل دۇنيادا ئىنكاس قوزغىدى. كىشىلەر بۇ ئارقىلىق مۇستەبىت داھىيلارنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى خۇددى مىسىر، تۇنىس ۋە لىۋىيە رەھبەرلىرىدەكلا يېقىندىن تەقىب قىلىنماقتا. ھەتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇشتا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى نامايان بولدى. رۇسىيىلىكلەر ئۆتكەن ئاي تۇنجى قېتىم زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان خىيانەتچى سىستېمىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بېرمىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر بولسا كېلەچەككە ئۈمىد بېغىشلىماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا تۇنىس دىكتاتورى زەينەل ئابىدىدىن بىن ئېلىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، تۇنىستا ئەركىن سايلاپ ئېلىپ بېرىلىشىنى 2011‏-يىلى يۈز بەرگەن دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىش يولىدىكى زور قەدەم، دەپ كۆرسىتىلگەن. بىراق يەنە، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش بەزى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ، دېموكراتىيىگە قارشى تەدبىر ئالغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيىگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا ئەسكەرتىپ، «خىتايدا، دائىرىلەر قاھىرەنىڭ تەقرىر مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قولغا ئېلىش، نەزەربەند قىلىش، ئاخباراتنى چەكلەش، تورنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەسەبىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئارك پۇددىڭتون پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «ئەرەب باھارى ئوتتۇرا شەرق سىرتىدىكى رايونلاردا ئەكس سادا پەيدا قىلدى. خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابى چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نورمال بولمىغان يوللار بىلەن تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، تورنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەسەبىيلىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇردى» دەپ كۆرسەتتى.

 لېكىن ئارك پۇددىڭتون خىتايدا ئاخبارات ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئاسىيادىكى باشقا ئەللەردە بەزى ئىجابىي تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ بېرمىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى، سىنگاپور تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئەڭ دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، شۇنداقلا يەنە ھىندونېزىيە، مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردە بەزى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەركىنلىك سارىيى ب د ت نىڭ1948-يىلى ماقۇللانغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2011‏-يىلدىكى سىياسىي ئەركىنلىك ۋە پۇقرالار ھۆرلۈكى جەھەتتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ چىققان. يۇقىرىقى ئىككى ساھەدە ۋەزىيىتى ئەڭ ياخشى دۆلەتكە 1 نومۇر، ئەڭ ناچار دۆلەتكە 7 نومۇر بېرىلگەن. خىتاي سىياسىي ئەركىنلىك ئەھۋالى جەھەتتە 7 نومۇرغا، پۇقرالارنىڭ ھۆرلۈك ئەھۋالى جەھەتتە 6 نومۇرغا ئېرىشىپ، دۇنيادىكى بۇ ئىككى ساھەدە ئەڭ ناچار ۋە ناچار دۆلەت بولۇپ باھالانغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2011‏-يىلى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە پۇقرالار ھۆرلۈكى جەھەتتىكى ئەھۋالى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلاشقان. ئۇ مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ياخشىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سارا كۇك خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى بۇرۇنلا ناھايىتى ناچار ئىدى. بۇ ئىككى رايوندىكى ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىشى 2008 ۋە 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن ئاممىۋى نارازىلىق ۋەقەلىرىدىن باشلانغان. كېيىنرەك تىبەت ۋە شىنجاڭدا ۋەزىيەت بىر ئاز يۇمشىغان بولدى. شىنجاڭدا ئىنتېرنېت پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان ئىدى. لېكىن 2010‏-يىلى ئىنتېرنېت ئەسلىگە كەلدى. بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلاردا يەنىلا قاتتىق باستۇرۇش مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن 4‏-5 يىل بۇرۇنقىدىنمۇ ناچار. ياخشىراق ئىدى. بولۇپمۇ سەزگۈر ۋاقىتلاردا ۋەزىيەت ئىلگىرىلەپ يامانلىشىپ، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەكشۈرۈش، تەقىب قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى كۆپىيىدۇ. بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىگە دائىر كونكرېت ئۇچۇر ئېلىش قىيىن بولسىمۇ، بىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقى، قولغا ئېلىش، تۈركۈملەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەلمەكتە. شۇڭا ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ناھايىتى ئېغىر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.