ئەسەدنىڭ نۇتقى ۋە ئۇنىڭ قانخور شېرىكلىرى
2013.01.07
ئەسەدنىڭ بۇ نۇتقىنى ئاڭلاش ئىشىمۇ سۈرىيە خەلقىگە ئاسانغا توختىمىغان، چۈنكى ئەسەدنىڭ راكېتا بومبىلىرى بىلەن سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە توك يوللىرى بۇزۇلۇپ خارابىگە ئايلىنىپ قالغان شەھەر ۋە يېزا خەلقىنىڭ كۆپ سانلىقى توك يورۇقى، تېلېۋىزور قاتارلىقلاردىن مەھرۇم قالغانلىقتىن، ئەسەدنىڭ نۇتقىنى رادىئودىن ئاڭلاشقا تىرىشقان.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەسەدنىڭ نۇتقىدا ھېچقانداق يېڭىلىق بايقالمىغان، يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك قۇرۇق ۋەدىلەر بىلەن خەلقنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ھەتتا ئەسەد ئىلگىرىكىدەك خەلققە تەھدىت قىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ قىلمىغان، بەلكى نۆۋەتتىكى نۇتقىدا ئۇلارنى يۇمشىتىدىغان سۆزلەرنى تاللىغان. شۇ ئېنىقكى، ئەسەدنىڭ نۆۋەتتىكى نۇتقى نە سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن، نە ئۆزى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىجابىي نەتىجە كەلتۈرمىگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 7-يانۋار سانىدا «ئەسەدنىڭ سۆزى ۋە ئۇنىڭ قانخور شېرىكلىرى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەسەدنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى نۇتقىدىكى بىرلا ئىجابىيلىق شۇكى، ئۇ بۇ نۇتۇقتا ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدىكىگە ئوخشاش خەلققە تەھدىتلەرنى ياغدۇرمىغان ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلمىگەن بەس. قانداقمۇ تەھدىت قىلالىسۇن؟ سۈرىيىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى خەلق ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغان، خەلق ئارمىيىسى ئەسەدنىڭ قەسرىگىچە يېقىنلىشىپ كەلگەن بىر شارائىتتا، خەلققە تەھدىت سالىدىغان جۈرئەت ۋە ئىشەنچ نەدە ئۇنىڭدا؟ چۈنكى ئەسەد ئۆزىنىڭ دىكتاتورىلىقىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى باشقىلاردىن بەكرەك بىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يا سادامدەك، يا كازافىيدەك يوقىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. نامايىش باشلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ دىكتاتورىلىقى بىلەن تونۇلغان ئەسەد ئائىلىسى نامايىشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋەھشىي يۈزىنى سۈرىيە خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئالەمگە ئېچىپ بەردى. چۈنكى 60 مىڭدىن كۆپرەك بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرگەن، مىڭلارچىسىنى ئۆي-ماكانسىز قىلىپ قويغان بۇ دىكتاتور ئۆزىنىڭ قانداق شەكىلدە ئۆلۈشىدىن باشقا نېمىنى ئويلىسۇن؟»
ئەسەد ئارقىغا يانالمايدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەسەد ئەمدى بۇ ۋاقىتتا سۈرىيە خەلقىگە نۇتۇق سۆزلىگەننىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن سۆزلىدى دېگەن سوئاللار كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بىزچە، ئەسەد بۇ نۇتقىدا ئىنتايىن ئاجىز ئېھتىمالدىن ئىككى ئېھتىمالنى ئويلىغان. ئۇنىڭ بىرى ھاكىمىيىتىدە قېلىپ قېلىش ئېھتىمالى، يەنە بىرى سۈرىيىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ خەلقتىن ئىنتىقام ئېلىش. ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ موسكۋادىكى، بېيجىڭدىكى، تېھراندىكى ۋە باغداتتىكى قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن سۈرىيىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشى، خەلقنىڭ قىرىلىپ كېتىشى ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن پۈتۈن سۈرىيىنى قۇربان قىلىشقا ھازىر تۇرماقتا. ئۇ ھەممىنى پىدا قىلغان ۋە پۈتۈن خەلقىنى قۇربان قىلغان تەقدىردىمۇ ئەمدى يا ئالدىغا ياكى ئارقىغا ماڭالمايدۇ. ئۇنىڭ يولى توسۇق.»
ئەسەد ئۆزىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە
يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشى خۇددى بىر قانچە ئاچقۇچ بىلەن ئېچىلىدىغان قۇلۇپقا ئوخشايدۇكى، بۇ قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچلىرىدىن بىرى موسكۋادا، يەنە بىرى بېيجىڭدا، يەنە بىرى تېھراندا، يەنە بىرى لىۋان جەنۇبىدا، يەنە بىرى باغداتتا بولۇپ، ئەسەد ئۆزى ھېچ ئىش قىلالمايدۇ، ئۇ قارار چىقىرىش ھەققىگىمۇ ئىگە ئەمەس، ئارقىغا قايتىش ئىختىيارىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى چوڭ قاراقچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، قاراقچىلارنىڭ ئىچىدىن چىقىۋالماقچى بولغان بىرىنى يا ئېتىپ تاشلىغان ياكى مىدىرلاتماي تۇتۇپ تۇرغانغا ئوخشاش مەنپەئەتتە بىرلەشكەن ۋە قان تۆكۈشتە ئىتتىپاقلاشقان بۇ دۆلەتلەر، ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ دۆلىتىنى كۆرگەن ئەمەلدارلار ئۇنى مىدىرلاتمايدۇ، ئارقىغا ماڭدۇرمايدۇ، ئالدىغان ماڭالمايدۇ. ئەسەد ئەنە شۇنداق چارىسىز دىكتاتوردۇر. ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يانچۇقىدا.»