ئۇيغۇر پىدائىيلار خىتاينىڭ 3 - قېتىملىق تېررورچى تىزىملىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.04.27
2012.04.27
Islam Awazi/Public Domain
باياناتتا تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە خىتاي تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىغا باش ئەگمىگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي 3 - قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكىدە، نۇرمەمەت مەمەتئىمىن، ئابدۇقېيۇم قۇربان، پارۇق تۇرسۇن، تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا، نۇرمەمەت رىشىت، مەمەتئىمىن نۇرمەمەت قاتارلىق 6 كىشىنى«شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ غوللۇق ئۇنسۇرلىرى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەم ئۇلارنىڭ مال - بىساتلىرىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يوتۇب تورىدا ئېلان قىلىنغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى نامىدىكى باياناتتا، خىتاينىڭ تېررورچى دېگەن ئەيىبلىمىسى رەت قىلىنغان:
باياناتتا، خىتاي يىللاردىن بۇيان تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: : خىتاي تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتقان كىشىلەر كىم؟.....ئۇلار، زۇلۇمغا باش ئەگمىگەن،... شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەققى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان.... كىشىلەردۇر.»
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 3 - قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تېررورلۇق تەربىيىسى كۆرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى باياناتىدا، شەرقى تۈرركىستاندىكى كۈرەشنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ھەققى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي 2003 - يىلدىن ھازىرغا قەدەر جەمئىي 3 قېتىم قارا تىزىملىك ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمتىمىن ھەزرەت، دولقۇن ئەيسا، ھەسەن مەخسۇم، ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق يىگىرمە نەچچە كىشى ۋە تۆت تەشكىلاتنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن، ھەم بۇ كىشىلەر تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىن بۇ كىشىلەرنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، پاكىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئۆزىگە مۇھتاج دۆلەتلەرنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پىدائىيلار ۋە پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى خىتاينىڭ چەت دۆلەتلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان خەلقىغە ھەيۋە كۆرسەتمەكچى ۋە ئۇلارنى مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تەشكىلات باياناتىدا يەنە، دۇنيا جامائىتىنى، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا، زالىمغا يان باسماسلىققا چاقىرغان؛ شۇنداقلا يەنە ئىنساننىي، قەدىر - قىممەتنى ئۈستۈن بىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە، خىتاي تەرەپتە تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ۋە تىنچلىق شەكلىدە داۋاملاشتۇرماقتا؛ مەلۇم بولۇشىچە يەنە، بىر تۈركۇم كىشىلەر، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قوراللىق كۈرەش يولىنى ۋاز كېچىلمەس دەپ قاراشماقتا.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر نامىدۇر. ئەمما ئۇنىڭ ئېنىق ئەزا سانى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتى مەلۇم ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ مەۋجۇت ئورنى يەنى ھەرىكەت بازىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان پەرەزلەر مەۋجۇت.