ئەخلاقنىڭ ئىبادەتتىن ئۇلۇغلىقى

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشنىڭ بىرلا يولى ئىبادەتنى كۆپ قىلىش دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ چۈشەنچىنىڭ ئەكسىنى ئېيتقان ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىبادەتتىن ئۇلۇغ ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

0:00 / 0:00

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : "ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئەخلاقتۇر" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىپ: "مەن ئەخلاقى گۈزەل بولغانلارنىڭ جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك قەسىرگە كىرىشىگە كاپالەت قىلالايمەن" دەپ كورسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە كۆپ ئىبادەت قىلغانلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە كاپالەت بېرىمەن دېمەستىن، ئەخلاقى ياخشى بولغانلارنىڭ جەتتەنكە كىرىشىگە كاپالەت قىلىمەن دېگەن. چۈنكى ئاللا ياقتۇرىدىغان ئىش كۆپ ئىبادەت قىلىش ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەخلاق. ئىبادەت ئۇنى ئورۇندىغان كىشى ئۈچۈنلا پايدىلىق بولسا، گۈزەل ئەخلاق جىمى خەلق ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئاللاھ جىمى خەلق ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنى ھەممىدىن بەكرەك ياقتۇرىدۇ.

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەزالى"مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويغىنى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ".

ئابدۇلئەھەد ھافىز بىلەن سۆھبەت

بۇ ماۋزۇدا كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈمىدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركچە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى مۇنداق دېدى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: 'مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى سايىسىدە كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ' دېگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن ھالدا، گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا گۈزەل ئەخلاقنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ھالىتى ئۇلارنى داۋام قىلىۋاتقان ئىبادەتلەر ساھەسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. چۈنكى شۇ لەھزىلەردە ئاچچىقىنى يىغىپ، سەۋىرچانلىقنى ئاشۇرۇپ، نەپسىي ھەۋىسىنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئېلىش پەيلىدىن يېنىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش كۆرۈش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى ھەقىقەتەن كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقان ئابىدنىڭ ئىبادىتىگە تەڭلىشىدۇ، گاھىدا ئېشىپ چۈشىدۇ. يەنە كېلىپ، بىراۋنىڭ كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئىبادەتكە مەھكەم بولغانلىقى كاتتا ساۋابلىق ئەمەل بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ پايدىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئىبادىتىدىن باشقىلارغا پايدا يەتمەيدۇ. ئەمما بىراۋنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئومۇم خەلققە مەنپەئەتلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن ھەممە بىردەك بەھرىمەن بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقىي ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە كاتتا ئىبادەتلەردىن سانىلىپ، ئۇ ئادەم ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ."

شۇڭا كىشىلەرگە باھا بېرىشتە، ئۇلارنىڭ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغانلىقىغا، ئۇزۇن ساقىلىغا، ئاپئاق سەللىسىگە ۋە مۇسۇلمانچە كىيىنىۋالغان قىياپىتىگە قارىماستىن، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا، مۇئامىلىسىگە ۋە راستچىللىقىغا قاراش كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.